دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈلدى، قىزىل مەدەنىيەت بالىلارنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-06-23 11:36:55

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. «سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار، چۈشتىن كېيىنلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن! بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە دۇڭ سۈنرۇينىڭ قەھرىمانلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىمەن». 6 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى سائەت 15:45 تە، توقسۇ ناھىيەلىك 2 ـ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ «مەن قىزىل ھېكايە سۆزلەيمەن» ناملىق رادىيو پىروگراممىسى ۋاقتىدا ئاڭلىتىشنى باشلىدى.

تەسىرلىك ھېكايە ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭ، ئوقۇغۇچىلار قەدەملىرىنى ئاستىلىتىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلىدى. «مەن قىزىل ھېكايە سۆزلەيمەن» پىروگراممىسى ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، جەمئىي يېرىم سائەت ئاڭلىتىلىدىغان بولۇپ، مەكتەپ بويىچە 26 «كىچىك دىكتور» بار.

6 ـ يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەكرەمجان ئەھەت مۇنداق دېدى: مەن «دۇڭ سۈنرۈينىڭ ئىستىھكامنى پارتلىتىشى» ناملىق ماقالىنى ئاڭلىتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، كەيپىياتىمدا داۋالغۇش ھەم خۇشاللىق پەيدا بولدى. ماقالىنى ياخشى ئوقۇيالماي، قىزىل ھېكايىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى كۆپچىلىككە توغرا يەتكۈزۈپ بېرەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ كۆڭلۈمدە داۋالغۇش بولسا؛ مۇئەللىمنىڭ مېنى ئېتىراپ قىلغىنىدىن ھەمدە دىكتورلۇقنىڭ ماڭا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئاتا قىلغىنىدىن خۇشال بولدۇم. ئاڭلىتىش جەريانىدا قىزىل مەدەنىيەتنى ئۆگەندىم، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش، خەلق ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىش روھى مېنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆگىنىشىمگە ئەرزىيدۇ.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەلىك 2 ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مەكتەپنىڭ ئوقۇ ـ ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىگە سىڭدۈردى. مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چيەن ۋېنيىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئوقۇتقۇچىلاردىن پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، يەنە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە ئامراق بولۇشقا يېتەكلىدۇق.

قانداق قىلغاندا پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى مەكتەپكە، دەرسخانىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى قىزىل مەدەنىيەتنىڭ ياخشى تارقاتقۇچىسى ۋە ياخشى ئەمەلىيەتچىسىدىن بولۇشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ؟ مەكتەپ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغانلىكى يېرىگە «قىزىل تەربىيە» ئامىلىنى سىڭدۈرۈش، رادىيودا قىزىل ھېكايە ۋە قىزىل ناخشىلارنى ئاڭلىتىش، قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىش، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى قىزىل ئىنقىلاب روھىنى ئورتاق چۈشىنىشكە يېتەكلىدى...

چيەن ۋېنيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل «1 ـ ئىيۇن» بالىلار بايرىمىدا، بىز پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس ئويۇن قويدۇق، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلدى، دېكلاماتسىيە، كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر، ناخشا ـ ئۇسسۇل، قىزىل ناخشا، كۈەيبەن قاتارلىق 12 نومۇرنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان قىزىل مەدەنىيەت نومۇرلىرى بولۇپ، بالىلارنى قىزىل مەدەنىيەتنى ئۆگىنىش داۋامىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.

5 ـ يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى مو شۇ بۇ يىل 11 ياشقا كىرگەن بولۇپ، مەكتەپتىكى لېكسىيەچىلەر ئارىسىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى، ئۇ مەكتەپتە كۆپ قېتىم پارتىيە تارىخىدىن لېكسىيە سۆزلەش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپلا قالماي، يەنە توقسۇ ناھىيەلىك مۇزېيغا بېرىپ «كىچىك لېكسىيەچى» بولغان. مو شۇ مۇنداق دېدى: مەن كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، تارىخقا تېخىمۇ ئامراق، نۇرغۇن ئادەم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايدۇ، بۇ قاراش خاتا. پارتىيە تارىخىنى ئۆگەنگەندىلا، بىزنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش مۇھەببىتىمىز يەنىمۇ كۈچىيىپ، بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولىمىز.

ھازىرغىچە، توقسۇ ناھىيەلىك 2 ـ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ لېكسىيە ئۆمىكىدىكى «كىچىك لېكسىيەچى»لەر 200 قېتىمدىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلىدى، پارتىيە تارىخىدىن بىر قېتىم زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، ئىككى قېتىم پارتىيە تارىخى بىلىملىرىدىن سوئال سوراش ـ جاۋاب بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، 80 قېتىمدىن ئارتۇق قىزىل ھېكايە سۆزلىدى، 80 قېتىمدىن ئارتۇق قىزىل ناخشا ئېيتتى، ئالتە قېتىم پارتىيە تارىخى بويىچە مۇھاكىمە ئۆگىنىشى قىلدى. كېيىنكى مەزگىلدە بۇ مەكتەپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، «كىچىك لېكسىيەچى»لەرنى ئارخىپخانا، مۇزېي، قىزىل تەربىيە بازىلىرىغا بېرىشقا يېتەكلەپ، بىر قاتار تەسىرلىك مىساللار ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ھەقىقىي ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتەك شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش