دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ئاقسۇنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى خاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-06-23 11:42:19

 ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. يېقىندا، ۋىلايەتنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى خاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلۈپ، خاڭجوۋ خەلقىگە ۋىلايىتىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى، ئېسىل تائاملىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، «يىپەك يولىدىكى قەدىمكى كۈسەن . جەلپكار ئاقسۇ»مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقى ۋە سۈپەتلىك ماركا تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش سالمىقى سىجىل زورايتىلدى ھەمدە ۋىلايىتىمىزدە يولغا قويۇلىدىغان مەدەنىيەت ـ ساياھەت نۇقتىلىق تۈرلىرىگە سودىگەر چاقىرىش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى، جېجياڭدىكى نۇقتىلىق ساياھەت كوپىراتىپلىرى، ساياھەت كارخانىلىرى، ساياھەت دارېنلىرى قاتناشتى.

   ۋىلايىتىمىز قىزىل تاش كېمىرى، قىزىل قاغا تۇراسى، سۇ باش بۇتخانىسى خارابىسى قاتارلىق ئۈچ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىغا ئىگە، ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، كۇچا سەنىمى، دولان مەشرىپى قاتارلىق توققۇز تۈر دۆلەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، 74 ساياھەت ئاساسىي تۈرىنىڭ 31 ىغا ئىگە، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق، بىپايان چۆللۈك، بۈك ـ باراقسان بوستانلىق، ئېگىز ـ پەس قارلىق تاغ، يىپەك يولى قەدىمىي يولى، سىرلىق جىلغا قاتارلىقلار گۈزەل، ھەيۋەتلىك تەبىئەت مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

  ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئاقسۇنىڭ ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكى بىلەن جېجياڭنىڭ بازار مەنبەسى ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاقسۇنىڭ ساياھەت بازىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئەقلىي كۈچ جەھەتتە قوللاش، ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «مەن جېجياڭ - شىنجاڭنى سۆيىمەن» يۈرۈشلۈك سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، «شېئىر، رەسىمدەك گۈزەل تۈسكە ئىگە جېجياڭ ـ شىنجاڭ» ساياھەت پائالىيىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلىككە رەقەم ئىقتىدارى قوشۇش، «ساياھەتچىلەرنى ئاقسۇغا جەلپ قىلىش ۋە يولغا سېلىش»، ساياھەت بايراملىق تەبرىكلەش پائالىيىتى، ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش قاتارلىق تۆت چوڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «يىپەك يولىدىكى قەدىمكى كۈسەن . جەلپكار ئاقسۇ» باش تېمىسىنى ئايروپىلان سىرتىغا سىزىش، «قەيەرگە بارىسىز» تورىدا «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى بايراقدار دۇكان»ى ئېچىش، «ئايدا بىر باش تېما»نى ئاساسلىق ئاڭلىتىش، كېڭەيتىش، «بۇلۇت ئارقىلىق ئاقسۇنى ساياھەت قىلىش»، «شېئىر، رەسىمدەك گۈزەل تۈسكە ئىگە جېجياڭ ـ شىنجاڭنى چوڭ تىپتىكى تونۇشتۇرۇش يىغىنى»، «تور چولپىنى ساياھەت ئوبراز ۋەكىلى مۇسابىقىسى» قاتارلىق بىر قاتار ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى قانات يايدۇردى.   

    شىنجاڭغا ئەمەلىي ياردەم بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىشىپ «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ‹ساياھەتچىلەرنى ئاقسۇغا كېلىشكە جەلپ قىلىش› بويىچە مۇكاپاتلاش چارىسى»نى چىقىرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە ـ شەھەرلەر بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، ۋىلايەت، ناھىيەلەر بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جېجياڭلىق ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر داۋالىنىش ـ كۈتۈنۈش ئۆمىكى قاتارلىق ئاقسۇغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋىلايەتنىڭ رايون خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەركىزى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىگە كۈچ قوشتى.

    بۇ يىل «1 ـ ماي» بايرىمى مەزگىلىدە، ئاقسۇغا شىنجاڭنىڭ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن 15 ھەسسە ئاشتى. دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە، ۋىلايەت 419 مىڭ 400 ئادەم (قېتىم) دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىرىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %22.42 ئاشتى؛ ساياھەتچىلىكتىن 236 مىليون يۈەن كىرىم قىلىش ئىشقا ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن %84.26 ئاشتى. خاس، تەبىئىي مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقىغا ئىگە بولغاچقا، ئاقسۇ ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش