دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

دوۋ ۋەنگۇي ئونسۇ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:
مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-06-23 11:45:58

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 6 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن 21 ـ كۈنىگىچە، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي ئونسۇ ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

   ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازارلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزىدە ئاممىۋى خىزمەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئۇنىۋېرسال ئىش بېجىرىش قاتارلىق 12 كۆزنەك دائىملىق تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يېقىن جايدا بېجىرەلەيدىغان بولۇش، يېقىن جايدا بېجىرگىلى بولۇش ئىشقا ئېشىپ، ئاممىغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىلغان ئىدى. دوۋ ۋەنگۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ھەقىقىي تۈردە «خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاممىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

   دوۋ ۋەنگۇي ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ قىزىل بازىرى قاراسا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم كەنت ئاھالىسى ئەكبەر ئېزىز، ياسىن ھۈسەننىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىپ، كىرىمىنى ھېسابلاپ بېرىپ، ئۇلارنى تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەپ، ھويلا ـ ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كىرىمىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ ياخشى كۈن كەچۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

   ئونسۇ ناھىيەسىدىكى داشىن ئاپتوموبىل شەھەرچىسى نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرىدا، دوۋ ۋەنگۇي بازارنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپتوموبىل سېتىش، يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كارخانىلار ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلىشىپلا قالماي، يەنە مۇناسىپ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بازارنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشى كېرەك.

   ئونسۇ ناھىيەسىدىكى دورا بۇيۇملىرى سوغۇق توشۇش زەنجىرى ئەشيا ئوبوروت بازىسى (ئاقسۇ دورا يىغىش ـ تارقىتىش مەركىزىنىڭ 2 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى) پۈتكەندىن كېيىن ئاقسۇ دورا يىغىش ـ تارقىتىش مەركىزىنىڭ 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ، دورا تەتقىق قىلىش  ـ  ياساش، ئىشلەپچىقىرىش، ئامباردا ساقلاش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى رايون خاراكتېرلىك دورا، داۋالاش سايمانلىرى ئەشيا ئوبوروت باغچىسى ۋە تەقسىملەش ـ يەتكۈزۈش مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دوۋ ۋەنگۇي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تۈرنىڭ بالدۇرراق پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر خىل كارخانىلارنىڭ باغچە رايونىغا ئوڭۇشلۇق ماكانلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.   

    شىنجاڭغا ئەمەلىي ياردەم بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىشىپ «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ‹ساياھەتچىلەرنى ئاقسۇغا كېلىشكە جەلپ قىلىش› بويىچە مۇكاپاتلاش چارىسى»نى چىقىرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە ـ شەھەرلەر بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، ۋىلايەت، ناھىيەلەر بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جېجياڭلىق ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر داۋالىنىش ـ كۈتۈنۈش ئۆمىكى قاتارلىق ئاقسۇغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋىلايەتنىڭ رايون خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەركىزى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىگە كۈچ قوشتى.

    بۇ يىل «1 ـ ماي» بايرىمى مەزگىلىدە، ئاقسۇغا شىنجاڭنىڭ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن 15 ھەسسە ئاشتى. دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە، ۋىلايەت 419 مىڭ 400 ئادەم (قېتىم) دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىرىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %22.42 ئاشتى؛ ساياھەتچىلىكتىن 236 مىليون يۈەن كىرىم قىلىش ئىشقا ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن %84.26 ئاشتى. خاس، تەبىئىي مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقىغا ئىگە بولغاچقا، ئاقسۇ ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش