دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى بۇ يىل 3 ـ قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنىڭ پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2022-04-20 11:17:17

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 4 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى بۇ يىل 3 ـ قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، بىلىش، ئىشىنىش ۋە قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتچىل، راستچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنىڭ پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، قانۇنچىللىق يولى ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، دائىم ھوشيار بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، دائىم ھوشيار تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ئاخىردىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇداپىئە سېپىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، دەريا ـ كۆل باشلىقى تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشتە ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تور بوشلۇقىغا قارىتا ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك، ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تور بوشلۇقىنى ئورتاق تۈزەش، تور بوشلۇقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ئەمەلىيەتتە چېنىقىش جەريانىدا خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشكە، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، ئىدىيەۋى قاراشنى ئۆزگەرتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن دىلشات سايىم، دۇ مىڭ، لياڭ فېڭيۈەن، پەتتار تۇرسۇن، ئەنۋەر مۆمىن، ليۇ خۇڭجۈن، جۇ لىنسېن، ۋېي چېڭ، ئەمەرجان ئىمىن، چىن يەنكې، بورھان مەمەت، رەن ۋېي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش