دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئاقسۇ خەۋەرلىرى

ۋىلايەت ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى
يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-05-24 11:02:20

  ئاقسۇ ئاخبارات تور خەۋىرى. 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ۋىلايەتنىڭ ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى توقسۇ ناھىيەسىدە ئېچىلدى، بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسەت: مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى»نى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت.

  ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دۇ مىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەتتار تۇرسۇن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋەكىللەر «ئائىلە، ئىشخانا، پونكىت»ىنى ياخشى قۇرۇش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىشنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى ئىكەنلىكىنى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى «ئائىلە، ئىشخانا، پونكىت»قا كىرىش پائالىيىتىگە تەشكىللەشنىڭ ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. تۈرلۈك خىزمەت مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى» قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پائالىيەت شەكلىنى بېيىتىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ئاممىۋى خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، ۋەكىللەر بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى»غا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى»لىرىنى سىجىل ياخشى قۇرۇش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى «تۆت ئورگان»نىڭ ئورنىنى بېكىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار كۇچا شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا ئىش باشقارمىسىنىڭ چىڭفېڭيۈەن مەھەللىسىدىكى ۋەكىللەر ئالاقىلىشىش پونكىتى، كۇچا شەھەرلىك زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش مەركىزى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۆگەن يېزىسى قاراقۇم كەنتىدىكى ۋەكىللەر ئالاقىلىشىش پونكىتى قاتارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىلىرىنى كۆرەك قىلدى.

  يىغىندا توقسۇ ناھىيەلىك ۋە كۇچا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزى قىلدى، شايار ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىپادە بىلدۈرۈش سۆزى قىلدى.

  ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن ئېزىز مەتنىياز، تاڭ جيەنفېڭ، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىدىكى ھەرقايسى بۆلۈم، ئىشخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى، ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى ۋە مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى يىغىنغا ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش