دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خانىم-قىزلار ساغلاملىقى

ئاق ئاچچىقسۇدىن پايدىلىنىپ داغ سەپكۈنلەرنى ياخشىلاش ئۇسۇلى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-05-24 12:51:44

08.png

   ئاق ئاچچىقسۇدىن پايدىلىنىپ، راستتىنلا داغ سەپكۈنلەرنى يوقىتىپ تېرىنى ياخشىلىغىلى بولامدۇ؟ ئاق ئاچچىقسۇدا يۈزىمىزنى يۇيۇپ بەرسەك، داغ سەپكۈنلەرنى يوقاتقىلى بولمايدۇ، ئەمما سۇسلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئاق ئاچچىقسۇ ئاجىز كىسلاتالىق ماددا بولۇپ، ئاجىز كىسلاتالىق ماددىلار تېرىگە نىسبەتەن، مۈڭگۈزسىمان قەۋەتنى تېز سۈرئەتتە مىتابولىزىملاش رولىنى ئوينايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاق ئاچچىقسۇدا يۈزىمىزنى يۇيۇپ بەرسەك، داغ سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرۇپ تېرىنى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ.
   ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن يۈزىمىزنى يۇغان ۋاقىتتا، داغ سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ئەمما كۆرۈنەرلىك دەرىجىدىكى داغ سەپكۈنلەرنى يوقىتىش ئۈنۈمى كۆرسىتەلمەيدۇ. ئاق ئاچچىقسۇ ئىشلىتىپ يۈزىڭىزنى نەچچە قېتىم يۇغاندىن كېيىن، يۈز قىسىم تېرىڭىزنىڭ سىيلىقلىشىپ ئاقىرىشقا باشلىغانلىقىنى بايقايسىز.
   لېكىن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، سۇغا ئارىلاشتۇرغان ئاق ئاچچىقسۇنىڭ نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولسا، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن تېرىمىزنىڭ ئاقارغانلىقىنى بايقىيالايمىز؛ ئەمما يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئاچچىقسۇ كىسلاتاسى تېرىنى غىدىقلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن يۈزىمىزنى يۇساق ياخشى ئەمەس. بۇندىن باشقا، ئاق ئاچچىقسۇنىڭ تېرە ئاقارتىش ئۈنۈمى بەك ئۇزۇنغا سوزۇلمايدۇ.

ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن يۈزنى يۇيۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلى
ئاق ئاچچىقسۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى
   ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن يۈزىمىزنى يۇيۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئاق ئاچچىقسۇنى قانچىلىك نىسبەتتە ئىشلەتكەندە ئاندىن داغ يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، ئاق ئاچچىقسۇنىڭ ئادەم تېرىسىگە نىسبەتەن غىدىقلاش تەسىرى بار، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن يۈزىمىزنى يۇساق، تېرىنىڭ مۈڭگۈزسىمان قەۋىتى نېپىزلاپ تېرىنىڭ سۇ تەركىبى ئېقىپ خوراپ كېتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك ئىنچىكە قورۇق، قۇرغاقلىشىش قاتارلىق تېرە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھەر قېتىم ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، سۇغا قوشقان ئاق ئاچچىقسۇنىڭ مىقدارىنى ئازراق قىلىپ، تېرىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ماسلىشىشىغا پۇرسەت بىرىش كېرەك.
سۇ تىمپىراتۇرىسى
   ئاق ئاچچىقسۇدىن پايدىلىنىپ يۈزىمىزنى يۇغان ۋاقىتتا، سۇ تىمپىراتۇرىسىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلماق لازىم. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، سوغۇق سۇدا يۈزىمىزنى يۇساق، يۈز قىسىم قان تومۇرلىرىنى غىدىقلاپ، يۈز قىسىم قان ئايلىنىشنى تېزلەشتۈرىدۇ؛ بۇنىڭدا، يۈز قىسىم تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە يۈزى قىسىم تېرىسى ئېھتىياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇقلارنى تەمىنلەش تېخىمۇ يىتەرلىك بولىدۇ. لېكىن، يۈزىمىزنى ئىسسىق سۇدا يۇساق، تېرىنى تازىلاپ پاكىزلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە يۈزىمىزنى يۇغاندا ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ بەرسەك، ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇدا يۇغاننىڭ ئەۋزەللىكىنى بىرگە مۇجەسسەملەپلا قالماي، يەنە تېرىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ.
يۇيۇش قېتىم سانى
   يۈزىمىزنى يۇيۇشتا، ئادەتتە كۈندە ئىككى قېتىم بولسا يىتەرلىك بولىدۇ؛ ئەگەر قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، تېرىنىڭ مۈڭگۈزسىمان قەۋىتى زەخىمگە ئۇچراپ، تېرە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاق ئاچچىقسۇ ئىشلىتىپ يۇيۇشتا بولسا، ئاق ئاچچىقسۇنىڭ يۈز تېرىمىزنى غىدىقلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئادەتتە كۈندە بىر قېتىم ئاق ئاچچىقسۇ ئىشلىتىپ يۇيۇپ، يۈز قىسىمدىكى ماي تەركىبلىرىنىڭ نورمال مىتابولىزىملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلساقلا بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش