دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ فىرانسىيە، گېرمانىيە رەھبەرلىرى بىلەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-07-07 13:00:53

7-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى.

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

7-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى.

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، يەر شارىۋى يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش يۈزلىنىشى ئېنىق ئەمەس. دۇنيا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشقا، سەمىمىي ھەمكارلىشىشقا تېخىمۇ موھتاج، ھەرگىزمۇ گۇمانلىنىشقا، قارشىلىشىشقا، نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىشقا موھتاج ئەمەس. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئورتاق تونۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، يەر شارىۋى خىرىسلارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رولنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىرىنچى، بىر-بىرىنى توغرا تونۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھىمايىسىگە ئېرىشكەن تەرەققىيات يولىنى ئاچتى. جۇڭگو تەرەپ تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى چىڭ ساقلايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش پىرىنسىپى بويىچە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى مۇجەسسەملىدى. بىز بۇ روھقا ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا پەرقلەرگە توغرا قاراپ، ئۆزئارا ئىختىلاپلارنى ئاقىلانە بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ بىلەن 23-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى بالدۇرراق ئۆتكۈزۈپ، ئىستراتېگىيە، ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت، رەقەم، كىلىمات ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا تىزىملىكىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، ئۆزئارا كېپىل بولۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپ پۇقرالىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالىدا، خادىملار ئارىسىدىكى ئالاقىنى تېزلىتىش يولىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەدىمى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ياۋروپا تەرەپنىڭ بازار پىرىنسىپى بويىچە جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل، ئاشكارا بولغان، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۈچىنچى، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداش كېرەك، خەلقئارادىكى ئىشلارنى كۆپچىلىكنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، كۇنمىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» 26-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ھەم دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئورتاق يېتەكلەپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە پارىژ يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئۆزئارا قوللاشنى خالايدۇ.

تۆتىنچى، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تەكشى تەرەققىي قىلغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى ئۆزىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئەمەس، جۇڭگو تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈندۇر. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. ياۋروپا تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئورتاق ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئافرىقا قارالمىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئافرىقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەڭ مۈشكۈل رايون، شۇنداقلا تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور قۇرۇقلۇق. جۇڭگو تەرەپ 40 نەچچە ئافرىقا دۆلىتى ھەم ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىدى ھەم داۋاملىق تەمىنلەۋاتىدۇ، ئافرىقىنىڭ ۋاكسىنىنى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى پائال قوللىدى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىدىكى 19 دۆلەت بىلەن قەرزنى كېچىكتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىدى ياكى قەرزنى كېچىكتۈرۈش ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلدى ھەم «ئافرىقا يېشىل سەددىچىن سېپىلى» قاتارلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات پىلانىغا ئىجابىي قاتناشتى. ياۋروپا تەرەپنىڭ ئافرىقىغا قارىتا قوللاش ۋە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئافرىقا دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەپ، ئافرىقىنىڭ قەرز بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئافرىقا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىرانسىيە، گېرمانىيەنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ئورتاق تەشەببۇس قىلغان «ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ھەمراھلار تەشەببۇسى»غا قاتنىشىشىنى، ئۈچ تەرەپ، تۆت تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، فىرانسىيە تەرەپ ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە بىلەن جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ چىقىرىپ، ياۋروپا-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى قوللاپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتتى، بىز جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىمىز. فىرانسىيە تەرەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ، كۇنمىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى ۋە مارسېل 7-نۆۋەتلىك دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى قوللايدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنىغا ئادىل ئېرىشىشىدە ئوينىغان مۇھىم رولىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈشكە ئالاقىدار تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە داۋاملىق تۈردە ئافرىقىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، مائارىپ قاتارلىق مەسىلىلىرىگە ياردەم بېرىش جەھەتتىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. گېرمانىيە، فىرانسىيە، جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىنى ساقلىشى ئىنتايىن مۇھىم. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنىنى ئادىل ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خادىملار ۋە سودا ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشى ناھايىتى كۆپ، ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان ساھەلەر ناھايىتى كۆپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، سۆھبەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ئازايتىش كېرەك. گېرمانىيە تەرەپ 23-قېتىملىق ياۋروپا ئىتتىپاقى − جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۇچرىشىش يىغىنىنى تېزرەك ئېچىشنى قوللايدۇ، ياۋروپا-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ تېزرەك تەستىقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاشنى خالايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئوتتۇرىغا قويغان «ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ھەمراھلار تەشەببۇسى»نى پائال تەتقىق قىلىشنى، ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى خالايدۇ.

ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئىران يادرو مەسىلىسى، ئافغانىستان مەسىلىسى، بىرما مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش