دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > خەلقئارا

شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-10-27 17:56:31

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سىنلىق شەكىلدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈن يېڭى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى. جۇڭگونىڭ خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەم جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق بېسىپ ئۆتكەن قالتىس مۇساپىسىنى ئەسلەش ئۈچۈن، شۇنداقلا يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدىن يولغا چىقىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا يارىتىش ئۈچۈن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخ شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، بىر دۆلەت مەيلى قانچىلىك قۇدرەتلىك بولسۇن، زومىگەرلىككە تايىنىپ باشقا دۆلەتلەرنى باشقۇرالمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ. رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئالدىدا، جەزمەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئالاقىدار دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، سىياسىي ۋاسىتە ئارقىلىق ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىش كېرەك. دۇنيادا پەقەت بىرلا سىستېما، بىرلا تەرتىپ، بىرلا قائىدە بار، ھەرقانداق دۆلەت مۇشۇ رامكا ئىچىدە ئىش قىلىشى، ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلماسلىقى، باشقىچە يول تۇتماسلىقى كېرەك. چوڭ دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، تىنچ بىللە تۇرۇشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشى كېرەك، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر زەربە بولدى ۋە تەسىر كۆرسەتتى. يۇقۇمغا ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئىقتىسادنى قايتا جانلاندۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ھەر ئىككى قول قاتتىق بولۇشى كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا ۋاكسىنىنى ئادىل، مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ۋاكسىنىنى ھەقىقىي تۈردە يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ، ماس، سىغدۇرۇشچان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»نى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق ئەمما پەرقلىق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بىز لەۋزىمىزدە تۇرىمىز. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى ۋە 2 - نۆۋەتلىك يەر شارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى. جۇڭگو تەرەپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىشلىرىنى قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن 50 يىل ھەمكارلىشىشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەجرىبىسى شۇكى، باشتىن - ئاخىر بىردەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي كۆپ تەرەپچىللىك يولىدا مېڭىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن سەمىمىي تۆھپە قوشۇش. جۇڭگو داۋاملىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

گۇتېررېس مۇنداق بىلدۈردى: 50 يىلنىڭ ئالدىدىكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلدى، بۇ، ھەققانىي بىر كۈن بولۇپ، مەن بۇنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگونىڭ باشتىن - ئاخىر كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا، مۇھىم، زور تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا موھتاج. يەككە تەرەپچىللىكنى تامامەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو تەرەپنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش، يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ھەمدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى يۈكسەك تەرىپلەيدۇ. دۇنيا ھەممە دۆلەت قوبۇل قىلالايدىغان مىزانغا ئەمەل قىلىپ، ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى پۈتۈن يەر شارىنىڭ باراۋەر ۋە تەڭپۇڭ بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇنى تامامەن قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بۇ جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش