دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

شى جىنپىڭ «ئەدەبىيات - تارىخ - پەلسەپە» تەھرىر بۆلۈمىدىكى بارلىق مۇھەررىرلەرگە جاۋاب خەت قايتۇردى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-05-12 16:26:56

جاۋاب خەت

«ئەدەبىيات - تارىخ - پەلسەپە» تەھرىر بۆلۈمىدىكى يولداشلار:

ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. «ئەدەبىيات - تارىخ - پەلسەپە» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، نەچچە ئەۋلاد مۇھەررىرلەر توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىلمىي تەتقىقاتنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا بەلگىلىك شۆھرەت قازاندىڭلار، سىلەرنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

جۇڭگولۇق بولۇش شىجائىتى ۋە ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، دۇنياغا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش، جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، تارىخ بىلەن رېئاللىق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، قانداق قىلغاندا جۇڭگو يولىدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرغىلى، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرغىلى، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر شەرھلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ مۇھىم، زور تېمىغا ياخشى جاۋاب بېرىشتە، كەڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋر شارائىتىدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلاندۇرۇلۇشىغا، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلمىي ژۇرنال ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىشى، مۇنەۋۋەر ئىلىم ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوللىشى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ ئىلىم ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ژۇرنالنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2021 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى «ئەدەبىيات - تارىخ - پەلسەپە» تەھرىر بۆلۈمىدىكى بارلىق مۇھەررىرلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن ژۇرنىلىنى ياخشى چىقىرىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: «ئەدەبىيات - تارىخ - پەلسەپە» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، نەچچە ئەۋلاد مۇھەررىرلەر توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىلمىي تەتقىقاتنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا بەلگىلىك شۆھرەت قازاندىڭلار، سىلەرنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگولۇق بولۇش شىجائىتى ۋە ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، دۇنياغا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش، جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، تارىخ بىلەن رېئاللىق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، قانداق قىلغاندا جۇڭگو يولىدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرغىلى، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرغىلى، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر شەرھلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ مۇھىم، زور تېمىغا ياخشى جاۋاب بېرىشتە، كەڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋر شارائىتىدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلاندۇرۇلۇشىغا، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلمىي قەرەللىك ژۇرنال ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىشى، مۇنەۋۋەر ئىلىم ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوللىشى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ ئىلىم ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ژۇرنالنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شەندۇڭ داشۆسى «ئەدەبىيات - تارىخ - پەلسەپە» ژۇرنىلى 1951 - يىلى 5 - ئايدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن نەشر قىلىنغان تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئىجتىمائىي پەن ئىلمىي ژۇرنىلى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدە نۆۋەتتە نەشر قىلىنىش تارىخى ئەڭ ئۇزاق بولغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئادىمىيەت ئىجتىمائىي پەن ئىلمىي قەرەللىك ژۇرنىلى. يېقىندا، «ئەدەبىيات - تارىخ - پەلسەپە» تەھرىر بۆلۈمىنىڭ بارلىق مۇھەررىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، 70 يىلدىن بۇيانقى ژۇرنال چىقىرىش نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلىپ، دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىش، ژۇرنالنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەنىدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش