دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

دۇەنۋۇ مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-06-17 12:46:29

− ھەرقايسى جايلار «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» باش تېمىلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇردى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ زىمىڭ، شۈ جۇاڭ

قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، دۇەنۋۇلۇق نەزمە ئېيتىش، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ھەرقايسى جايلار دۇەنۋۇ بايرىمىنى پۇرسەت بىلىپ، «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» باش تېمىلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كەڭ ئامما پائالىيەت جەريانىدا دۇەنۋۇ مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

«بۇ شېكەر قىيامىدىن ياسالغان ئەجدىھا، ھەم يېيىشلىك، ھەم چىرايلىق.» «بۇ چىغدىن توقۇلغان يىڭناغۇچ، بەك ئوماق ئىكەن.» 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پىڭشياڭ شەھىرى ئەنيۈەن رايونى چىڭشەن بازىرىنىڭ يۈەنتوۋ كەنتىدىكى مەدەنىيەت مەيدانىدا، «كەنت ئەڭگۈشتەرىنى ئىزدەش، كەنت ناخشىسىنى ياڭرىتىش، كەنت سەنئىتىنى بىرلىكتە نامايان قىلىش» تېمىسىدىكى دۇەنۋۇ مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى، كەمپۈت قىيامىدا شەكىل چىقىرىش، تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرۈش، خېمىر قونچاق ياساش، ھۆسنخەت، جۇڭگوچە رەسىم، قەدىمىي ھاراق ئېچىتىش... ھەرقايسى كەسىپتىكى ھۈنەرۋەنلەر دۇەنۋۇدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئاممىغا بىر مەيدان مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىنى ئېلىپ كەلدى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دېگەن بۇ نامنى ئەڭ بۇرۇن كىم ئوتتۇرىغا قويغان؟» «مەن بىلىمەن، سەي خېسىن.» پائالىيەت نەق مەيدانىغا تەسىس قىلىنغان پارتىيە تارىخى بىلىملىرى كارىدورى ئاممىنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. «دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىشنىڭ 1 - كۈنى، بالىلار دۇەنۋۇدىكى مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەرنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە پارتىيە تارىخى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ خاتىرە بۇيۇملارغا ئېرىشتى، بۇ، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولدى» دېدى ئالايىتەن بالىسىنى ئېلىپ پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن ياڭ مىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

باش تېما پائالىيىتى ئاساسىي قاتلامدا ئەۋج ئالدى، ئامما ئارىسىدا ئەۋج ئالدى، تېخىمۇ مۇھىمى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئەۋج ئالدى.

ئىككى «ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق» مودېلى يولنىڭ ئىككى بېشىغا قويۇلغان، 1000 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار رەسىمى، قولدا ياسالغان ئىپار قاپچۇقى، زۇڭزا مودېلى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە قويۇلغانىدى... جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىڭخۇا شەھىرى دەينەن مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدە «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش <بىزنىڭ بايرىمىمىز − دۇەنۋۇ>» باش تېمىسىدىكى پائالىيەت بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى، ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىپ ياسىغان بۇ «دۇەنۋۇ مەدەنىيەت كارىدورى» مەكتەپ قورۇسىدىكى بىر ئۆزگىچە مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلانغانىدى.

مەكتەپ قورۇسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى مەدەنىيەت - سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىدى. كىچىك دوستلار ئورۇنلىغان «سەبىي قەلبلەر دۇەنۋۇنى مەدھىيەلەش» «چۈ يۈەننى چۈشىنىش» قاتارلىق نومۇرلار دۇەنۋۇ مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئوخشاش بولمىغان تەرەپتىن نامايان قىلدى.

ھەربىر مەيدان مەكتەپ پائالىيىتى بالىلارغا بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇردى، ھەر قېتىملىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش كەڭ ئاممىغا قىزىل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەتتى.

6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، تيەنجىن شەھىرى شىچىڭ رايونىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تىياتىرخانىسىدا «<مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش> − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش دېكلاماتسىيە يىغىنى»نىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى «باھارغا تەلپۈنۈش» ناملىق شېئىردا تولۇپ تاشقان ھېسسىيات بىلەن ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ئۇرغۇتۇلدى، «ئابىدە» «ئۇزۇن سەپەر چاتما ناخشىلىرى»دا ئۇزۇن سەپەر ھېكايىلىرى ئارقىلىق قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ئۆچمەس قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى بايان قىلىندى.

دېكلاماتسىيە قىلغۇچىلارنىڭ مەردانە قىياپىتى، سەمىمىي ھېسسىياتى نەق مەيداندا ئارقا - ئارقىدىن يۇقىرى دولقۇن كۆتۈردى، چاۋاك ساداسى ئۈزۈلمىدى. تاماشىبىنلار نومۇرلاردىن ھۇزۇر ئېلىش بىلەن بىللە، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى «پارتىيە دەرسى دېكلاماتسىيەسى»نى ئاڭلىدى.

چۈ يۈەننىڭ يۇرتى خۇبېي يىچاڭدىكى جىگۇي ناھىيەسىدە، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار، چۈ جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە شۇ جايدىكى ئامما يەنە ئورتاق بايرام ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى.

6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تەنتەنىلىك، قەدىمىي ئۇسلۇبتا باشلانغان «قەھرىمانلار روھى ئۆچمەيدۇ» ناملىق مۇزىكىلىق ئۇسسۇل بىلەن چۈ يۈەننىڭ يۇرتىدىكى دۇەنۋۇ مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. بۇرغا چېلىنىپ، داقا - دۇمباق ساداسى ياڭرىدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە لەنساۋ تەقدىم قىلىپ، چۈ يۈەننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىڭ يىللاردىن بۇيان، جىگۇيلىقلار چۈ يۈەننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەنئەنىۋى دۇەنۋۇ ئۆرپ - ئادەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دۇەنۋۇ بايرىمىغا قويۇق ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى سىڭدۈردى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

چۈ يۈەننىڭ روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، دۇەنۋۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئۇزاق داۋاملىشىدۇ.

چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى رىكازىدا، 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، «يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ بىرى بولغان بىزنىڭ بايرىمىمىز» دېلې مەھەللىسىدە قانات يايدۇرۇلدى.

مەھەللە ئاھالىلىرى بىر يەرگە جەم بولدى، دېلې مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى كۆپچىلىككە پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئاھالىلەر قولىغا پارتىيە بايرىقىنى ئېلىپ، يان تېلېفون بىلەن «مېنىڭ پارتىيەگە سۆزۈم بار پارتىيە بايرىقى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش» ناملىق قىسقا سىن فىلىملەرنى ئىشلەپ، بايرام خۇشاللىقىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلاندى.

6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، گۇيياڭ شەھىرى شيۇۋېن ناھىيەسىنىڭ جۇڭگو ياڭمىڭ مەدەنىيەت باغچىسىدا، گۇيياڭ شەھىرىنىڭ 2021 - يىللىق «بىزنىڭ بايرىمىمىز − دۇەنۋۇ» مەدەنىيلىك ئەمەلىيەت باش تېما پائالىيىتى بۇ يەردە قانات يايدۇرۇلدى. شيۇۋېن ناھىيەلىك 2 - تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدىن كەلگەن بالىلار قولىغا تەخسە ئېلىپ، «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق قوشىقى» ئۇسسۇلىنى ئويناپ، كۆپچىلىكنى يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشكە تەشەببۇس قىلدى.

يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن ئامما نەق مەيدانغا كېلىپ كۆردى. پائالىيەت نەق مەيدانىغا يەنە پىدائىيلار مۇلازىمەت سۇپىسى تەسىس قىلىندى، پىدائىيلار نەزەرىيە تەشۋىقاتى، داۋالىنىش - ساغلاملىق، قانۇن مۇلازىمىتى، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن پىدائىيلار پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

بىزنىڭ بايرىمىمىزدا زۇڭزىنىڭ ھىدى تارالدى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى ئۇرغۇتۇلدى، تەربىيە ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈلدى... مەززىلىك زۇڭزىغا ئېغىز تەگكەچ، دۇەنۋۇلۇق ئامان - ئېسەنلىك تىلەندى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش