دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مەملىكەت

جۇڭگو «جۇڭگو - بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمكارلىق مەيدانى ھۆججىتى»نى ئېلان قىلدى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-10-25 13:15:21

ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «جۇڭگو - بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمكارلىق مەيدانى ھۆججىتى»نى ئېلان قىلدى.

ھازىر، دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇراقسىز بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادى تەستە قايتىدىن جانلىنىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات يەنىلا دەۋر باش تېمىسى، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ساداسى تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى. ھەمكارلىق مەيدانى ھۆججىتىدە 50 يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلىرىگە قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسى نامايان قىلىنىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، يەر شارىۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى ۋە تەشەببۇسى شەرھلەپ بايان قىلىندى.

ھەمكارلىق مەيدانى ھۆججىتىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر كۆپ تەرەپچىللىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقئارادىكى ئىشلارنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ قىلىشتا، دۇنيانىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق ۋە زومىگەرلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، گۇرۇھ سىياسىيسى بىلەن شۇغۇللىنىش، كىچىك گۇرۇھ بولۇۋېلىش قاتارلىق خىلمۇخىل «ساختا كۆپ تەرەپچىللىك»كە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. يەر شارىۋى تەرەققىياتتا تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىدۇ!


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش