دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

بۇرچىن: ئېلېكتىرونلۇق سودا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بېيىشىغا كۈچ قوشتى، يان تېلېفون يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى «ئاچتى»
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-02-23 18:24:20

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى: ئالاقە تورى ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىستېمال ئەندىزىسىگە زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى، بۇرچىن ناھىيەسى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ خاس مەھسۇلاتلارنى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق سېتىپ، تەسىر كۈچى ۋە كىرىمدە تەڭ پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  «بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى تورداشلار، ھازىر مەن كۆپچىلىككە بىزنىڭ يەرلىك تاغ گۈلى ھەسىلىنى تونۇشتۇرىمەن، كۆپچىلىك بۇ ھەسەلنىڭ رەڭگىنىڭ ناھايىتى سۈزۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر. قىزىققان دوستلار ماڭا سۆز قالدۇرۇپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ.» 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىر ئېگىز تۆبە يېزىسى قىزىل توگەي كەنتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تاللا بازىرىدا كەنت ئاھالىسى قاماش سادىرخاننىڭ ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەۋاتقانلىقىنى كۆردى، يېقىندا ئۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش نومۇرىنى ئاچتى، ھەمدە «بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش» شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى تورداشلارغا يۇرتىنىڭ قۇرت، ھەسەل قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇردى.

  43 ياشلىق قاماش سادىرخان ئەسلىدە تۇرمۇشى ھاۋالىلىك بېقىش ئارقىلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئاساس قىلاتتى، ياساپ چىققان قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنىڭ سودىسى ئىزچىل ياخشى بولمىدى، بۇ يىلدىن باشلاپ، ئۇ ياسىغان قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ بازارغا سېلىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپلا قالماي، يامان ئەمەس پايدىغا ئېرىشتى.

  «ھازىر تور سۇپىسى ئارقىلىق خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىپ ھەر ئايدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىمىم كۆپەيدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەر تور سۇپىسى ئارقىلىق تونۇشتۇرغان مەھسۇلاتلىرىمغا بىر قەدەر قىزىقىدۇ، بۇ مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سېتىشىمغا ياخشى سۇپا ھازىرلاپ بەردى» دېدى قاماش سادىرخان.

  «قىزىل توگەي كەنتىمىز دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىگە تايىنىپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ياردىمى، شۇنداقلا كەنت <ئىككى>ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، كەسپىي ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىنى ئېچىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ۋە سېتىپ چىقاردى، كېيىنكى قەدەمدە، بىز دېھقان-چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى <بېيىش>غا چىقىرىمىز» دېدى قىزىل توگەي كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى خې ۋېيچيەن.

  (تەمىنلىگۈچى: بۇرچىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇلار مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جەزىرە)


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش