دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

ئەمەلىي ئىشنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىش
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-06-03 18:00:38

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سارىگۈل، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ جيې

«خىزمەت ئەترىتى قىلغان ھەربىر ئەمەلىي ئىش بىزگە ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى...» 5-ئاينىڭ ئاخىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تىلغا ئېلىنغاندا، ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى شورلۇق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە ماختاشتى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ خىزمەت ئەترىتى مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كەمتەرلىك بىلەن كەنت ئاھالىلىرى غەم قىلىدىغان، باش قاتۇرىدىغان ۋە ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلارنى ھەل قىلىپ بەردى.

5-ئاي كىرىشى بىلەن، شورلۇق كەنتىدە ئۆستەڭدىكى سۇ مىقدارى ئازىيىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشقا تەسىر يەتتى، خىزمەت ئەترىتى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سەۋەبىنى تېپىپ چىقتى، ھەمدە ئالاقىدار ئورۇنلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەش مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، ئۆستەڭ چۈشۈرگىسى(توسمىسى) ۋە قۇدۇقنى رېمونت قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». كەنت ئاھالىسى زورىخان مەمەتئابلا ئائىلىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرى ئاز، مۇقىم كىرىم مەنبەسى يوق بولۇپ، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىزچىل ياخشى ئەمەس ئىدى. خىزمەت ئەترىتى كۆپ تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بەردى. «خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، مېنىڭ مۇقىم خىزمىتىم بار بولدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشىلاندى» دېدى زورىخان.

قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بويىچە ئائىلە زىيارىتى قىلغاندا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىسى گۈلنىزىخان كېرەمنىڭ ئۆيىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنىڭ بارلىقى، ھويلىسىنىڭ رەتسىزلىكىنى كۆرۈپ، خىش سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ھويلا ـ ئاراننى رەتلىشىگە ياردەم بەردى. «خىزمەت ئەترىتى بىزگە خىش ئەكىلىپ بەردى، يەنە بىز بىلەن بىللە ھويلىمىزغا خىش ياتقۇزدى. ئۇلارغا كۆپ رەھمەت» دېدى گۈلنىزىخان.

«بۇنىڭدىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىمىز داۋاملىق كۈچەپ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئەسقەر مەخمۇت.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش