دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

ئولتۇراق رايوندىكى كۆكەرتىلگەن يەرلەر سۇغىرىلماسلىق مەسىلىسى ۋاقتىدا تۈزىتىلىپ، ئاممىنىڭ ئەندىشىسى تۈگىتىلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-04-13 12:01:00

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

«ئىلگىرى ئولتۇراق رايونىمىزدا قۇرۇپ قالغان دەرەخ ۋە ياۋا ئوت ـ چۆپلەر كۆپ ئىدى، ھازىر يېڭىدىن كۆچەت تىكىلىپ، سۇغىرىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، تۇرالغۇ مۇھىتىمىز يېڭى تۈسكە كىردى.» 4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى چىماشەنجۇاڭ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى شۈ لى يېڭىدىن تىكىلگەن كۆچەتلەرگە قاراپ تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن مۇنداق دېدى: ياخشى بولغان مەھەللە مۇھىتىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېقىندا، ئامما مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىغا سايباغ رايونى خېجىڭ كوچىسى چىماشەنجۇاڭ ئولتۇراق رايونىدىكى دەل ـ دەرەخ، چىملىقلارنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، يەردىن چاڭ ـ توزان كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە يەرنى ئەخلەت قاپلاپ مۇھىتنىڭ ناچارلىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا، يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، چىماشەنجۇاڭ ئولتۇراق رايونىنىڭ كۆلىمى 53 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالە 300 ئائىلىلىكتىن ئاشىدىكەن. بۇ، تاغ گەۋدىسىدىكى ئولتۇراق رايون بولغاچقا، ئايلانما تاغ يولى ئۇزۇن، ئوچۇقچىلىق رايون بىرقەدەر چوڭ ئىكەن. 2013 ـ يىلى ئولتۇراق رايون قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم ئۆي ـ زېمىن خوجىلىق شىركىتىنى ئالماشتۇرغان، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئالمىشىش جەريانىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر قېپقالغان، نۆۋەتتە بۇ ئولتۇراق رايون ئۆي ـ زېمىن خوجىلىقىنىڭ باشقۇرۇشى يوق ھالەتتە تۇرۇۋېتىپتۇ.

4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئولتۇراق رايون قاراشلىق چىماشەن كوچا باشقارمىسى چىماشەن يولى غەربىي مەھەللىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال سايباغ رايونلۇق باغ ـ ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى، قۇرۇلۇش ئىدارىسى، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىش ئېلىپ باردى. 4 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىت مەسىلىسى تۈزىتىلىپ بولدى.

چىماشەن كوچا باشقارمىسى چىماشەن يولى غەربىي مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ خۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: مەھەللە بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ تازىلىق مۇھىتىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ تازىلىدى، بۇ، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيى، كارىدور ۋە يول بويىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان كېرەكسىز نەرسىلەر، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاش؛ قۇرۇپ كەتكەن دەل ـ دەرەخلەرنى يۆتكەپ، يېڭىدىن تولۇقلاپ كۆچەت تىكىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ ئاپتوموبىلى ئالاقىلىشىپ، ئولتۇراق رايوندىكى كۆكەرتىش بەلبېغىنى كۈندىلىك سۇغىرىشنى، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ياڭ خۇي مۇنداق دېدى: ھازىر مەھەللە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىلگىرى قېپقالغان مەسىلىلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ. ئولتۇراق رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، مەھەللە ئەتراپتىكى مۇھىت ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئاممىۋى رېمونت فوندى ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، مەھەللە ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان ئۆي ـ زېمىن خوجىلىق شىركەتلىرىنى پائال ئىزدەپ، بۇ ئولتۇراق رايونغا كىرگۈزۈپ مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىدۇ.

ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنىڭ تېز ئەمەلىيلەشكەنلىكى ۋە ھەل قىلىنغانلىقىغا قارىتا، ئولتۇراق رايون ئاھالىسى ما رۇي ناھايىتى رازى بولدى، ئۇ ئولتۇراق رايون ئۆي ـ زېمىن خوجىلىقىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنى خاتىرجەم ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش