دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مائارىپ

ئونسۇدا: جىنخۇا شەھىرى بالىلار ئاۋازلىق كۇتۇپخانىسىدىن 26نى ياردەم بېرىپ قۇردى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-10-21 19:04:28

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر جياڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئونسۇ ناھىيە چاغراق يېزىلىق مەركىزىي يەسلىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى بالىلار ئاۋازلىق كۇتۇپخانىسىدا، ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى 30 بالىغا رەسىملىك كىتاب دەرسى ئۆتمەكتە، بالىلار بەس-بەستە قول كۆتۈرۈپ سۆز قىلماقتا.

«2019-يىلى 9-ئايدا، جىنخۇا شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بىزنىڭ يەسلىگە دۆلەت ئورتاق تىلى بالىلار ئاۋازلىق كۇتۇپخانىسىنى قۇردى، بۇ خىل ھېس قىلىش شەكىلدىكى ئوقۇش بوشلۇقى بالىلارغا ئىنتايىن قىزىقارلىق ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، دۆلەت ئورتاق تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى» دېدى بۇ يەسلىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، بېقىش ۋە تەربىيەلەش مۇدىرى ۋاڭ جىڭجىڭ.

ۋاڭ جىڭجىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل چوڭ سىنىپتىكى بۇ بالىلار دۆلەت ئورتاق تىلى بالىلار ئاۋازلىق كۇتۇپخانىسىنىڭ تۇنجى مەنپەئەتلەنگۈچىلىرى، ئىككى يىلدىن بۇيان، بالىلار دۆلەت ئورتاق تىلىدا راۋان سۆزلەپلا قالماي، بەزىلىرى يەنە كىچىك رادىيو ئۇزېلىنىڭ رىياسەتچىسى، ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى.

بالىلار ئاۋازلىق كۇتۇپخانىسى دەرسخانىسىنىڭ تاملىرى ۋە ئۈستەل-ئورۇندۇقلىرىغا ھەر خىل رەسىملەر چاپلانغان بولۇپ، ئۇلارغا يۈرۈشلۈك توشقان شەكىللىك ئوقۇش قەلىمىنى تەگكۈزسىلا، رەسىملەر «گەپ قىلىدۇ». بۇنىڭدىن باشقا، ھەربىر ئېغىز ئاۋازلىق كۇتۇپخانىسىغا يەنە 3000 پارچىدىن ئارتۇق ئاۋازلىق رەسىملىك كىتاب ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئېكران دەرسلىك ماتېرىيالى سەپلەنگەن، ئوقۇش قەلىمىنى بوشقىنا تەگكۈزسىلا، جانلىق، قىزىقارلىق ھېكايىلەر سۆزلىنىپ، بالىلارنىڭ ئازادە، خۇشال مۇھىتتا تۈرلۈك مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىش ۋە ئېغىز تىلىدا ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

بالىلار ئاۋازلىق كۇتۇپخانىسى شەھەردىن يېزا-بازارلارغىچە، يېزا-بازارلاردىن كەنت(مەھەللە)لەرگىچە كېڭەيدى، 2017-يىلىدىن باشلاپ، جىنخۇا شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 26 يەسلىگە بالىلار ئاۋازلىق كۇتۇپخانىسى سەپلەپ بەردى. «بەش يىل ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ يىل يېزا-بازارلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كېلەر يىلى تېخىمۇ كۆپ كەنت دەرىجىلىك يەسلىلەرگە تەرەققىي قىلىپ، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت بالىلىرىغا ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنلا قېلىپلاشقان دۆلەت ئورتاق تىلى ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى تىل ئاساسى سېلىش پىلانلاندى» دېدى جىنخۇا شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن قوماندان شۈ جېنخۇي.



مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش