دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

ئورۇنلاشتۇرايلى! شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىشقا تەييارلىنىڭ
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-09-24 18:07:37

ئاپتور: جاڭ شياۋمى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدىن ئىگىلىشىچە، قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردىن باشلاپ قار ھاسىل قىلىپ، تىجارەت باشلاشقا تەييارلىق قىلغان.

  ئىلگىرى قار تېيىلىش پەسلى بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە ئىدى، ھازىر قار تېيىلىش مەيدانى 10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 5-، 6-ئايغىچە تىجارەت قىلىدۇ. شىنجاڭ ئالتاي ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى تەييۈن ساياھەت مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ لېي: «بۇلتۇر 9-ئاينىڭ 26-كۈنى قار ھاسىل قىلىشنى باشلىغانىدۇق، بۇ يىلقىسى بۇلتۇرقىدىن 11 كۈن بالدۇر» دېدى.

9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا، 20 قار ھاسىل قىلىش ماشىنىسى بىرلا ۋاقىتتا قار ھاسىل قىلىپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى تىجارەت باشلاشقا تەييارلىق قىلماقتا. (ۋاڭ لېي فوتوسى)




  شۇ كۈنى، 20 قار ھاسىل قىلىش ماشىنىسى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، توختىماي قار ھاسىل قىلدى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن، 3.4 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى 1-نومۇرلۇق قار تېيىلىش يولى قار تېيىلىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  بۇ قار تېيىلىش پەسلىدە، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىغا ئاسما ئورۇندۇق شەكلىدىكى ئاسما ۋاگون، ئالتە قار تېيىلىش يولى، يەككە تاختا باغچىسى يېڭىدىن قوشۇلدى، تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ئىستىراھەت رايونىنىڭ 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە تىجارەت قىلىشى مۆلچەرلەندى.

  شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى ۋە ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنىڭمۇ دېيىشىچە، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قار ھاسىل قىلىنىپ، ھاۋارايى ئەھۋالىغا ئاساسەن، 11-ئاينىڭ بېشىدا تىجارەت باشلىنىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي 66 قار تېيىلىش مەيدانى بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىنى قاپلىغان، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە تەرەققىي قىلغان.

  شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئورۇن بەلگىلىشى ئوخشىمايدۇ، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى شىنجاڭ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئاساس قىلىدۇ، قار تېيىلغاچ دەم ئېلىش بىلەن تەنھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ مايىللاشتۇرۇلغان؛ ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئاساس قىلىدۇ؛ باشقا رايونلاردىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى يەرلىك ساياھەتچىلەرنى ئاساس قىلىدۇ.

  «قار تېىيىلىش پەسلىنىڭ ئۇزارتىلىشى ئەتراپ ساياھىتىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلاردىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى يازلىق ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق ئىشلىتىپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى ناھايىتى ياخشى تولۇقلىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى چۇ بىن.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى



مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش