دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ساياھەت

ئاشقازىنىڭىزنى «بىكارلاپ»، شىنجاڭنىڭ بۇ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ بېقىڭ!
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-05-24 13:04:49

5-ئاينىڭ 19-كۈنى __ جۇڭگو ساياھەت كۈنى 

ساياھەت توغرىسىدا توختالغاندا

چوقۇم گۈزەل شىنجاڭنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ

شىنجاڭ تىلغا ئېلىنغاندا تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ بېقىش كېرەك 

شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كەڭ تۇپراقتا

ئاسماندا ئۇچىدىغان 

يەردە ماڭىدىغان 

سۇدا ئۈزىدىغان 

نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئېسىل يېمەكلىككە ئايلىنالايدۇ

ئاسماندا ئۇچىدىغانلار

بۇ تۈر بىرقەدەر ئاز بولۇپ 

ئەڭ قالتىس بولغىنى كەپتەر

مەززىلىك كەپتەر كاۋىپىغا 

يەنە ئوزۇقلۇق مىقدارى %100 بولغان كەپتەر شورپىسىنى قوشسىڭىز

ئىسسىق قانلىرىڭىز ئۇرغۇپ كېتىدۇ

ھەقىقەتەن ئىنتايىن مەززىلىك

كەپتەر شۇنداق ئوماق تۇرسا، يېيىشكە قىيالمايمىز، دېمەڭ

بىر قېتىم تېتىپ باقسىڭىز

قانداقلىقىنى بىلىپ قالىسىز

يەردە ماڭىدىغانلار

يەردە ماڭىدىغانلار كۆپ

داپەنجى، جياۋماجى، لازىجىنى

توخۇ قورۇمىسى دۇنياسىدىكى ئۈچ ماگنات دېيىشكە بولىدۇ 


مەززىلىك ساۋەن داپەنجىسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى 

ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي خېنەن يولىغا جايلاشقان «بودەك بوۋاي» شىنجاڭ ئۆزگىچە جياۋماجى دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى ئۆزگىچە جياۋماجىنى كۆرسەتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى 

لازىجى

قويغا كەلسەك 

ئۇنداقتا مەن سىزگە دەپ بېرەي 

قوينىڭ ھەممە ئەزاسىنى 

 يېيىشكە بولىدۇ!


نېمىشقا پەقەت مۇشۇ بىرنەچچە خىللا دەپ سورىماڭ؟ 

چۈنكى باشقىلىرىنى تېخى رەسىمگە تارتىپ بولغىچە 

ھەممىسى يېيىلىپ بولدى!  

ھوي؟ كۇنۇپكا تاختىسىدا نېمە كۆپ شۆلگەي بۇ؟ 

كالىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە 

ۋەنزە شورپىسى 

گۇيرۇ لەغمەن (كۆپىنچىسى كالا گۆشى) 

خوگودىكى كالا گۆشى ھەققىدە كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوقتۇ؟ 

بىر كۈنلۈك ئالدىراش خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن 

بىرنەچچە دوستىڭىزنى چاقىرىپ 

بىر ۋاقلىق مەززىلىك خوگو يېسىڭىز

ئەتىسى باشقىچە روھلۇق بولۇپ كېتىسىز

ئات گۆشىمۇ بەك قالتىس 

بىراق مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم يەنىلا ئات گۆشى قىزىسى

چاينىغاندا قوۋۇزۇم ئازراق ئاغرىغاندىن باشقا 

 ئات گۆشى قىزىسى يەنىلا ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ


سۇدا ئۈزىدىغانلار

بېلىق كاۋىپىنى چوقۇم بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك  

 قىرلاپ پىشۇرۇلغان بۇ خىل بېلىق كاۋىپىنى سىز چوقۇم كۆرۈپ باقمىغانسىز؟ 

قورقماڭ 

 سىزنى چىشلىۋالمايدۇ

كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسى ئۇششاقتېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتچىلەرگە بېلىق كاۋىپى تەييارلىماقتا.

چۆ. خۇرە فوتوسى

بېلىقنىڭ تېشى قىزىرىپ، ئىچى يۇمران پىشىدۇ 

بېلىقنى ئېلىپ 

ئازراق لازا، تۇز، زىرە، پىياز سېپىلىدۇ 

 ئاندىن پىۋا ئىچكەچ يېسەك بەك كۆڭۈللۈك بولىدۇ 

بېلىق كاۋىپىدىن باشقا 

يەنە چوڭ تەخسلىك غاز قورۇمىسى ئاشقازىنىڭىزنى غىدىقلايدۇ  

چوڭ تەخسىلىك غاز قورۇمىسى داپەنجىگە ئوخشاش چوڭ تەخسىلىك قورۇمىغا تەۋە بولسىمۇ 

لېكىن تەمى يەنىلا ئوخشىمايدۇ 

بۇنى ئۆزىڭىز كېلىپ تېتىپ بېقىشىڭىز كېرەك  

بۈگۈن پەقەت شىنجاڭ تائاملىرى ئىچىدىكى «ئاساسلىق تائاملار»نى تىلغا ئالدۇق 

يەنە نۇرغۇن ئۇششاق مەززىلىك يېمەكلىكلەرمۇ بار

كۆپچىلىكنىڭ تېتىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ 

ماڭىمەن دەپلا چىقىڭ-دە، گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپ مەززىلىك تائاملارنى قانغۇچە تېتىڭ

كەلدىڭىزمۇ؟ 

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش