دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك

ساختا ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-05-24 12:42:41
   ھەسەل، نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىك؛ لېكىن ھەسەل سېتىۋالغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر ساختا ھەسەل سېتىۋېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ.
   ئۇنداقتا، سېتىۋالغان ھەسەلنىڭ ساختا ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى.
ئاق ھاراق بىلەن پەرقلەندۈرۈش
   پاكىزە قاچىدىن بىرنى تەييارلاپ بىر قوشۇق ھەسەل قۇيىمىز، كەينىدىن ھەسەل ئىچىگە بىر تامچە ھاراق تېمىتىمىز؛ بۇ ۋاقىتتا ھەسەلنىڭ رەڭگىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن كۆرۈلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلساق، ئەگەر ھېچقانداق ئۆزگىرىش كۆرۈلمىگەن بولسا ساپ ھەسەل بولىدۇ. ئەگەر ھەسەل ساختا بولسا، ئاق ھاراق تېمىتقاندىن كېيىن، ھەسەلنىڭ رەڭگى يىشىل ياكى بىنەپشە رەڭگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
تازىلىق قەغىزى
   بىر پارچە تازىلىق قەغىزىنى ئۈستەل يۈزىگە تۈز يېيىلتىپ، كەينىدىن قەغەز ئۈستىگە ئازراق ھەسەل تېمىتساق، ئەگەر ساختا ھەسەل بولسا، تەدرىجىي ھالدا قەغەزگە سىڭىپ كېتىدۇ؛ ناۋادا ساپ ھەسەل بولسا، قەغەز يۈزىدە شەبنەم تامچىسىغا ئوخشاش ساقلىنىپ، ئاسانلىقچە تارقىلىپ قەغەزگە سىڭىشىپ كەتمەيدۇ.
چاقماق
   قوشۇققا ئازراق ھەسەل ئايرىپ ئېلىپ، ئازراق تۆمۈر سىمنى چاقماقتا ئوت يېقىپ قىزىتقاندىن كېيىن ھەسەلگە تىقساق، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر بىر خىل غەلىتە پۇراق تارالسا ياكى ئىسقا ئوخشاش گاز كۆتۈرۈلسە، ئۇنداق ھەسەل ساختا ھەسەل بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش