دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش | «جياڭشەن»نىڭ نەزەرىدىكى «ئالتۇن-كۈمۈش»
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-03-11 18:00:51

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جىڭ بو، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ لى): «جياڭشەن ئۆيدە بارمۇ؟ سىلەر ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئىشلىتىدىغان خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ قايسى خىل ماركىدىكىسىنى ئالىسىلەر؟ مەنمۇ بېرىپ سېتىۋالماقچى ئىدىم.» «جياڭشەن ئاكا، تىراكتورىڭىزنى ئىشلىتىپ تۇراي، بىرئاز يەم-خەشەك ئەكىلىۋالاي دېگەنىدىم» گەرچە قىشلىق ئارىسالدى مەزگىل بولسىمۇ، لېكىن كەلپىن ناھىيەسى چىلان يېزىسى بۇلاق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ۋاڭ يۇڭشىن ھەر كۈنى تۈگىمەس ئىشلارنى قىلىپ، قوشنىلىرىنىڭ ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا، ئۆيلىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە قاتراپ يۈرەتتى.

ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى شەندۇڭدىن چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكتىن، ۋاڭ يۇڭشىنغا «جياڭشەن» دەپ ئەركىلەتمە ئىسىم قويغانىدى. بۇلاق كەنتىدە ئولتۇراقلاشقان 22 يىلدا، ۋاڭ يۇڭشىن ئاتا-ئانىسى قويغان ئىسمنى يەردە قويماي، كەنتتىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئۆزئارا ياردەملىشىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. «جياڭشەن» تىلغا ئېلىنسىلا، كەنت ئاھالىلىرى باش بارمىقىنى چىقىرىشىپ كېتىدۇ.

ۋاڭ يۇڭشىن 1998-يىلى بۇلاق كەنتىگە ماكانلىشىپ، يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، بۇ كەنتتىكى تۇنجى خەنزۇ كەنت ئاھالىسى بولۇپ قالدى. 2002-يىلى، ۋاڭ يۇڭشىن تېرىغان كېۋەزدىن مول ھوسۇل ئالدى، مو بېشى ھوسۇلى باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلدى، يۇرتداشلار ۋاڭ يۇڭشىنغا ھەۋەس قىلىشىپ كەتتى. يىل ئۆرۈلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ۋاڭ يۇڭشىننى ئىزدەپ كېلىپ، كېۋەز تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.

«ئۇلار گەپ قىلسا مەن چۈشەنمەيمەن، مەن گەپ قىلسام ئۇلارمۇ چۈشەنمەيدۇ، پەقەت ئىشارەت ئارقىلىق سۆزلىشىمىز.» كېۋەز تېرىش تېخنىكىسىنى سۆزلىگەندە، تىل راۋان بولمىغاچقا، بەزىدە ۋاڭ يۇڭشىن بىلەن كەنت ئاھالىلىرى كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قارىشىپ قالاتتى.

بۇنىڭ بىلەن ۋاڭ يۇڭشىن كۆپچىلىكنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىغا بولغان ئارزۇسى ۋە تىل ئالاقىنىڭ راۋان بولماسلىق مەسىلىسىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر قېتىم ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى، ئوغۇتلاش، دورا چېچىش مەزگىلىدە، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئاكتىپلىق بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش توسالغۇسىنى يوق قىلدى.

بۇلاق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇل رېھىم بىلەن ۋاڭ يۇڭشىننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ھېسسىياتى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ، قېرىنداشلاردەك ئۆتتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ۋاڭ يۇڭشىننىڭ ياردىمىدە، پۈتۈن كەنتتىكى پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 150 كىلوگىرامدىن 300 كىلوگىرامغا يەتتى. بۇلتۇر، پۈتۈن كەنتتە كېۋەز تېرىغان سەككىز دېھقاننىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 400 كىلوگىرامدىن ئاشتى. «جياڭشەن ئىنىمىز كەنتىمىزدىكى <يەرلىك مۇتەخەسسىس>، بىز پۈتۈن كەنتتىكىلەر ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايمىز» دېدى ئابدۇل.

«ئۇكام، مېنىڭ ھاياتىمنى يۇرتداشلار قۇتقۇزۇۋالغان، مەن بۇنچىلىك ئىشنى قىلىشقا تېگىشلىك» بىر چەتتە تۇرغان ۋاڭ يۇڭشىن دەرھال ئابدۇلنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى.

2017-يىلى 5-ئايدا، ۋاڭ يۇڭشىن بىلەن ئىشچىلار چىلانلىقنى ئوغۇتلاۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن سول پۇتىنى تىراكتورنىڭ ئۇزىتىش ئوقى سۆرەپ كېتىپ، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ھەممە يېرى قانغا بويۇلۇپ كەتكەنىدى. بۇ چاغدا ئابدۇل دەرھال قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىردى ھەم كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋاڭ يۇڭشىننى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپاردى.

ۋاڭ يۇڭشىن دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، ئابدۇل ئۇنى كۆپ قېتىم يوقلاپ، ۋاڭ يۇڭشىننى ئۆيىدىكى ئىشلاردىن غەم يېگۈزمەي، ھەممە ئىشقا ئۆزى ئىگە بولدى.

مەن ئەسلىدە دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندىن كېيىن، ئۆيدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلالماسلىقىمدىن ئەنسىرىگەنىدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئابدۇل چوڭ كانايدا كەنت ئاھالىلىرىدىن ئەھۋال سوراپ، كىمنىڭ جياڭشەننىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىشنى خالايدىغانلىقىنى سوراپ تۇردى، ھەر قېتىم نەچچە ئون ئادەم تىزىمغا ئالدۇردى.» ۋاڭ يۇڭشىن مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم پۇلنى ئېلىپ مائاش بەرمەكچى بولغاندا، كۆپچىلىك تۈرلۈك يوللار بىلەن رەت قىلدى».

«جياڭشەن ئادەتتە شۇنداق قىزغىن، ئادەتتە كۆپچىلىككە ئاز ياردەم بەرمەيدۇ، بۇنچىلىك ئىش ھېچقانچە ئىش ئەمەس» دېدى ئابدۇل كۈلۈپ تۇرۇپ.

بەش ئايدىن كېيىن، ۋاڭ يۇڭشىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، يولدا ئۇچراشقان كەنت ئاھالىلىرى توختىماي ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ ئۇنىڭدىن قىزغىن ئەھۋال سوراشتى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى يەرلىك تۇخۇم، ياڭاق، ھەسەل قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنى يوقلاپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ تۇردى.

ۋاڭ يۇڭشىن بۇلتۇر يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن ئۈچنى سېتىۋېلىپ، كەلپىن ناھىيەلىك چېڭشىن يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، يېزا بويىچە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا دورا چېچىش تېخنىكىسى ئۈستىدە ئالدى بىلەن ئىزدەندى. «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق كېۋەزگە دورا چاچقاندا، سەككىز مىنۇتتىلا ئون مو يەرگە چېچىپ بولغىلى بولىدۇ، ئەنئەنىۋى دورا چېچىش ماشىنىسىدا بولسا ئىككى كۈن ۋاقىت كېتىدۇ، تېجەپ قېلىنغان ۋاقىتتا يۇرتداشلار يەنە باشقا ئىشلارنى قىلالايدۇ» دېدى ۋاڭ يۇڭشىن.

«ئالتۇن-كۈمۈش ھەقىقىي بايلىق ھېسابلانمايدۇ، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق ھەقىقىي بەختتۇر.» ۋاڭ يۇڭشىن ئېيتقان بۇ تەمسىل يۇرتداشلىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشىنىڭ سىرى ئىدى. «كۆپچىلىكنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلىسەملا، مەن يەنىمۇ كۆپرەك ئىشلەپ، كۆپچىلىكنى ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەيمەن» دېدى ۋاڭ يۇڭشىن.

مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلگىنە مەمەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش