دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

​قوشنىلار ئىتتىپاق ئۆتۈپ بېيىش يولىغا ئاتلاندى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-05-12 16:31:56

ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىل تاش بازىرى ساياتېرەك كەنتىدە:

قوشنىلار ئىتتىپاق ئۆتۈپ بېيىش يولىغا ئاتلاندى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

كۆڭۈلدىكىدەك بىر ھويلىنى تېپىپ، بەيخې گۈللىرىنىڭ مەيىن شامالدا يەڭگىل ئىرغاڭلاشلىرىدىن زوق ئېلىپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، مىللەتلەر ئۆرپ - ئادىتىدىن ھۇزۇرلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش... ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىل تاش بازىرى ساياتېرەك كەنتىدە مانا مۇشۇنداق ھويلىنى تاپقىلى بولىدۇ.

5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ساياتېرەك كەنتىگە كەلگىنىمدە، بۆلجۈرگەن تېرىش، تەۋرەنمە ئورۇندۇق ئورنىتىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، قوللىرى توپا بولۇپ كەتكەن لى خۇڭشيۇ بىر تېلېفوننى ئېلىپلا، قىلىۋاتقان ئىشىنى دەرھال قويۇپ، قولىنى يۇيۇپ، چېچىنى تاراپ، پاكىز كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، قۇلاق مىكروفونى تاقاپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئالدى ئۆيگە چىقىپ چۈشەندۈرگۈچىلىك قىلدى.

66 ياشلىق دېھقان لى خۇڭشيۇ «خۇئېرجيا» مىللەتلەر ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. شۇ جايدىكى چارۋىچىلار دەسلەپكى مەزگىللەردە ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىل تاش بازىرىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن 40 ئائىلىلىك خەنزۇ مىللىتىنى «خۇئېرجيا» دەپ ئاتىغان، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەنشى، سەنشى، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر بۇ يەردە ياشاپ، شۇ جايدىكى قازاق مىللىتى، موڭغۇل مىللىتى قاتارلىق ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ ئۆتكەن.

2012 - يىلى، لى خۇڭشيۇ دۇكىنىنى بىكارلاپ «خۇئېرجيا» مىللەتلەر ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىخانىسى قۇرۇپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش تارىخى مۇجەسسەملەنگەن كونا بۇيۇملارنى كۆرگەزمە قىلىپ، قىزىل تاش بازىرىنىڭ تارىخى ھەمدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتكەنلىك ھېكايىلىرىنى بايان قىلدى. كۆرگەزمىخانىدا، خەنزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى، موڭغۇل مىللىتى قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قوراللىرى بار، تامغا كونا سۈرەتلەر ۋە شەرەپ تەقدىرنامىلىرى لىق ئېسىلغان.

2017 - يىلى، ئەتراپتىكى قوشنىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، لى خۇڭشيۇ قوشنىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، قوشنىلار ئۆز ھويلا - ئارانلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولغان پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇپ چىقتى.

«بىز نەچچە ئائىلىلىكنىڭ مىللىتىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىر تاماق تىزىملىكىنى ئورتاق ئىشلىتىمىز، ساياھەتچىلەر بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى يېيەلەيدۇ.» لى خۇڭشيۇ تاماق تىزىملىكىنى ئېلىپ مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

«ئېتىزدا تېرىغان، ھويلىدا باققانلىرىمىزغا ئاساسلىنىپ، بۇ يىلقى تاماق تىزىملىكىگە يەنە بىرنەچچە خىل قورۇما قوشساق بولغۇدەك.» شۇ كۈنى، قوشنىسى كاكېن ياسىن بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن لى خۇڭشيۇغا «مەن ھويلىغا يەنە بىر تاماق ئۈستىلى قويماقچى بولۇۋاتىمەن، بۇ يەردىكى بوش يەرگە قويساق قانداق؟» دەپ تەكلىپ بەردى.

لى خۇڭشيۇ ئائىلىسى بىلەن كاكېن ئائىلىسىنىڭ قوشنا بولغىنىغا 50 يىل بولدى، ئۇلار خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ. كاكېننىڭ سىڭلىسى ياتلىق بولغاندا، ئۇ يەنە كاكېن ئائىلىسىدىكىلەر قاتارىدا قۇدا تەرەپكە بارغانىدى. «كىچىك ۋاقتىمىزدا كىيگەن كىيىملىرىمىزنى، سىڭلىم ياتلىق بولغان چاغدىكى تويلۇق كىيىملەرنىڭ ھەممىسىنى لى ھەدەم تىككەن» دېدى كاكېن.

كاكېن بازاردا راڭپىزا دۇكىنى ئېچىپ، يىلىغا 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدى، ئۇ كۆپچىلىك بىلەن بىللە دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، يەنە 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇ يىل كىرىمىم چوقۇم تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ» دېدى.

لى خۇڭشيۇ بىلەن كاكېن ھويلىلىرىدا تۈرلۈك كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى تېرىغاندىن باشقا، يەنە چوڭ بىر پارچە يەرگە يېگىلى بولىدىغان بەيخې تېرىپ، دېھقانلار ئارامگاھىغا ھۆسن قوشۇپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى.

ئىلگىرى، ساياتېرەك كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز ئىدى، ئاساسلىقى ياغلىق ئاپتاپپەرەس، كۆممىقوناق قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىرائەتلەر تېرىلاتتى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىرقەدەر تۆۋەن ئىدى. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تېرىقچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، يەرنىڭ «كېسىلىنى كۆرسىتىپ، تومۇرىنى تۇتقۇزۇپ»، كەنت ئاھالىلىرىنى خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى.

بۇ يەر «ياز كەلسىلا بەيخې گۈلى ئېچىلىپ، بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ.» لى خۇڭشيۇ ھويلىسىنىڭ يەنە بىر ئىشىكىنى ئېچىپ، چوڭ بىر پارچە يەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن يەنە تەبىئىي بەيخې گۈلى قىيامى ياساپ، گۈل قىيامى سېتىشقا تايىنىپ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر كۈندە 500 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىمەن.

ئەمدىلا ئاياغلاشقان «1 - ماي»لىق دەم ئېلىشتا، لى خۇڭشيۇ كۆرگەزمىخانىدا 1500 ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. كۆرگەزمىخانىنىڭ ئەتراپىدا يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان «خۇئېرجيا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆرگەزمە سارىيى»نىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملاندى، تاملىرى كۈل رەڭ سىرلىنىپ، تەشمە نەقىش ئويۇلدى.

ساياتېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ليۇ مىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ گۈللۈك تەشمە نەقىشلىك تام پۈتكەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى ياقتۇرسىلا، پۈتۈن كەنتتىكى ھويلا تاملىرىنى مۇشۇنداق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدۇق. كەنت يەنە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى پىلانلاپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىشىغا قولايلىق ياراتماقچى بولۇۋاتىدۇ.

«بىز ساياتېرەك كەنتىنىڭ شەھەر رايونىغا بىرقەدەر يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ساياھەتچىلەرنى مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان كەيپىياتتا گۈل - گىياھلارنى تاماشا قىلىش، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، ھېكايە ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى ليۇ مىن.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش