دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

خەيخې دەرياسى بويىدا ئىتتىپاقلىق «ئۇرۇقى» كۆكلەپ مېۋە بەردى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-09-16 19:22:08

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى بەي جيالى، ليۇ ۋېيجېن

ھەر قېتىملىق ئوقۇش باشلاش مەزگىلى تيەنجىن كەسپىي تېخنىكا سىفەن داشۆسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل مەخسۇس ۋەزىپىدىكى يېتەكچى زۆھرە قاسىمنىڭ خىزمىتى ئەڭ ئالدىراش بولىدىغان ۋاقىت. ئاز سانلىق مىللەت يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلارنى مەكتەپ تۇرمۇشىغا تېزدىن ماسلىشىشقا يېتەكلەيدۇ... ئۇ ئوقۇتقۇچى بولسىمۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆيۈمچان ھەدىگە ئوخشايدۇ.

يەتتە يىل ئىلگىرى، زۆھرە مەكتەپكە ھازىر يېڭىلا كەلگەن 400دىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسىغا ئوخشاش، يېڭى ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن شىنجاڭ قەشقەردىن يولغا چىقىپ، خەيخې دەرياسى بويىدىكى بۇ مەكتەپكە كەلگەنىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆز ئالدىدىكى كۆرۈنۈشلەر يېقىملىق ھەم تونۇش ئىدى.

«بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن تيەنجىننى ئىنتايىن يىراق، ئىنتايىن ناتونۇش ھېس قىلىپ، ئوقۇشتىن يالتىيىش خىيالىغا كەلگەنىدىم. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن، مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئەتراپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ھەم ئىللىق مۇئامىلىسى مېنى ناھايىتى تېزلا ئائىلەمگە قايتىپ كەلگەندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى. شۇڭا ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەنمۇ بۇ خىزمەت ئورنىغا چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلدىم.» زۆھرە مۇنداق دېدى: بۇلارنىڭ ھەممىسى تيەنجىن شەھىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش - مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

2014 - يىلىلا، تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، تيەنجىن شەھەرلىك مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ قوللىشىدا، تيەنجىن شەھەرلىك مائارىپ ئىككى كومىتېتى تەتقىق قىلىپ قارار چىقىرىپ، تيەنجىن شەھەرلىك ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقۇرۇش - مۇلازىمەت قىلىش ئىشخانىسى قۇردى، ئورنى تيەنجىن كەسپىي تېخنىكا سىفەن داشۆسىدە تەسىس قىلىندى.

«بىزنىڭ خىزمىتىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا بولغان كۈندىلىك تەربىيەگە، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش.» تيەنجىن كەسپىي تېخنىكا سىفەن داشۆسى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش - مۇلازىمەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۈ شيەنمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىشخانىمىز تەربىيەلەش، مۇنەۋۋەر تىپلارنى تاللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە ياردەم بەردى، يەنە ئۇدا نەچچە يىل شىنجاڭ ۋە شىزاڭغا بېرىپ يازلىق تەتىللىك ئائىلە زىيارىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ، «ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش»نىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى.

زۆھرە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ھەربىر كۈن ئىللىق مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ئىتتىپاقلىقنى سۇغىرىدىغان «ئەمەلىيەت دەرسى». 2018 - يىلى، ئۇ مەكتەپنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى ئاز سانلىق مىللەت تەييارلىق سىنىپىنىڭ سىنىپ مۇدىرى بولدى، ئەينى چاغدا سىنىپتا موڭغۇل، بەيزۇ، جۇاڭزۇ قاتارلىق 12 مىللەتتىن 42 ئوقۇغۇچى بار ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭشىدىكى بىر نامرات ئائىلىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئاساسى ئاجىز بولۇپ، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن 1 - مەۋسۇم ئاخىرىدا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى. بۇ ئوقۇغۇچى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇشتىن قورقتى، ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئوقۇشتىن چېكىنمەكچى بولدى.

«تىرىشىپ ئېگىز تاغلار ئارىسىدىن چىققان بالىنى داۋاملىق ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ.» ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى بىلگەندىن كېيىن، زۆھرە ئۇنىڭ ئىنگلىز تىلىدىن ئىبارەت بۇ قىيىن ئۆتكەلنى يېڭىشىگە چوقۇم ياردەم بېرىش قارارىغا كەلدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى كونسۇلتاتسىيە دەرسلىكى سېتىۋېلىشتىن تارتىپ، سىنىپتىكى ئىنگلىز تىلى «ئەلاچىلىرى»نى بىرگە بىر ياردەملىشىپ تەكرار قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىشقىچە، يەنە پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ئىنگلىز تىلىنى ئاڭلاپ يېزىشنى مەشىق قىلىشقىچە... زۆھرە ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياردىمىدە، بۇ ئوقۇغۇچى ئاستا - ئاستا «ئىنگلىز تىلىنىڭ ۋەھىمىسى»دىن قۇتۇلۇپ، تولۇق كۇرس سىنىپىغا ئوڭۇشلۇق كىردى.

كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكا كەسپىنىڭ 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى شەۋكەت مۇختەر شىنجاڭ خوتەندىن كەلگەن، ئۇنىڭ تيەنجىندىكى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ خوتەندە ئوقۇغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تيەنجىن ياردەم بېرىپ قۇرغان مەكتەپ بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىمۇ تيەنجىندىن كەلگەن.

«ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، مەن ئىقتىسادتىن تارتىپ ئوقۇشقىچە نۇرغۇن ياردەمگە ئېرىشتىم، ھازىر تيەنجىندىكى مەكتەپ تۇرمۇشىدا كوللېكتىپنىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم.» شەۋكەت بۇ ئىشخانىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «نىشانلىق سىفەن ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ، يۇرتۇمنى گۈللەندۈرۈپ، غەربىي قىسىم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن».

تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىققا تولغان ھېكايىلەر تيەنجىندىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە بارلىققا كەلمەكتە. بۇ يىل 4 - ئايغىچە، تيەنجىن شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار 56 مىڭدىن ئاشتى، تيەنجىن شەھەرلىك ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش - مۇلازىمەت قىلىش ئىشخانىسىغا ئەزا ئورۇنلار پۈتۈن شەھەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار بار 58 ئالىي مەكتەپنى قاپلىدى. تۈركۈم - تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن «سىردىشىش»ى نەتىجىسىدە، تيەنجىن شەھەرلىك ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش - مۇلازىمەت قىلىش ئىشخانىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ، تيەنجىن شەھەرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

«بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە، چىن قەلب، چېن ھېسسىيات بولۇش، كۆڭۈل بىلەن كۆڭۈلنى ئۇتۇش كېرەك.» جۈ شيەنمېي مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە بىز ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار بار ئالىي مەكتەپلەر ھەمدە تيەنجىن شەھىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپى، شىزاڭ سىنىپى، چىڭخەي سىنىپى تەسىس قىلىنغان مەكتەپلەر بىلەن بولغان ئۇدۇللىشىش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىمىز».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش