دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

شىزى قېقى تاتلىق، قەلبلەر ئىللىق، ئورقۇدىكى «سومكىنى قايتۇرۇپ بەرگەن بوۋاي»نىڭ گۇاڭشىلىق تۇغقىنى بار بولدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-01-20 17:23:09

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى، ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرى چىغانلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھوشۇراخۇن قۇربان گۇاڭشىدىن كەلگەن گۇيخۇاگاۋ، لوخەنگو مېۋىسى ۋە شىزى قېقى قاتارلىق سوۋغىنى تاپشۇرۇۋالدى. «سوۋغىڭىزغا رەھمەت، تاتلىق ئىكەن، يېيىشلىك ئىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئىككى ئائىلە تۇغقان بولۇپ قالدۇق.» ھوشۇراخۇن سوۋغاتلارنى پوچتىدىن ئەۋەتكەن گۇاڭشىلىق ساياھەت يېتەكچىسى چاڭ جيابىڭ بىلەن ۋىيشىندا سىنلىق كۆرۈشتى، سوۋغاتنىڭ مەنىسىنى بىلگەندىن كېيىن، ھوشۇراخۇن بىر ئائىلە كىشىلىرى توختىماي رەھمەت ئېيتتى.


قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرى چىغانلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھوشۇراخۇن قۇربان (ئوڭدا) گۇاڭشىدىن كەلگەن سوۋغاتلارنى تاپشۇرۇۋالدى.
ئىختىيارىي مۇخبىر پاڭ بو، تېڭ مىن فوتوسى
  بۇ ئىككىيلەننىڭ رىشتىسى 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلانغان، چاڭ جيابىڭ ئۆمەك باشلاپ ئورقۇ رايونىغا ساياھەتكە كەلگەندە، ئېھتىياتسىزلىقتىن سومكىسىنى ھوشۇراخۇننىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىدا ئۇنتۇپ قالغان، ھوشۇراخۇن سومكىنىڭ ئىگىسىنى ئۈچ ئاي ساقلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كادىرىنىڭ ياردىمىدە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.

  يىتىپ كەتكەن خۇرۇم سومكىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، چاڭ جيابىڭ قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلاپ كەلدى، «گۇاڭشى گۇيلىننىڭ گۈيخۇاگاۋسى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق، چوقۇم ئۇنىڭغا ئەۋەتىمەن. لوخەنگو مېۋىسىنى سۇغا چىلاپ ئىچىپ بەرسە ئۆپكىنى تازىلايدۇ، ياشانغانلارنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ. شىزى قېقى بوۋاينىڭ يېڭى بىر يىلدا ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ».

  سوۋغاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھوشۇراخۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە بۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، سومكىنى قايتۇرۇپ بېرىش كىچىك ئىش، ئىككى ئائىلىنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن تۇغقان بولۇشى ئەڭ ياخشى ئىش بولدى».

  «بوۋام ماڭا گۇاڭشىدا بىر ئاچام بارلىقىنى ئېيتتى.» ھوشۇراخۇننىڭ نەۋرىسى پەرھاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ چاڭ جيابىڭنىڭ قىزىدىن بىر ياش كىچىك ئىكەن، نەچچە كۈندىن بۇيان، ئىككىيلەن دائىم سىندا كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىپ تۇرۇۋېتىپتۇ. ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بۇ يىل پۇرسەت بولسا چوقۇم جەم بولۇشقا كېلىشىپتۇ. «ھەمياننى قايتۇرۇش پەقەت بىر باشلىنىش، ھوشۇراخۇن تاغا تۇغقىنىم بولدى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى چوقۇم دائىم ئالاقىلىشىپ، بالىلار ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت ئورنىتىپ، بۇ قېرىنداشلىق مېھرىنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى ئۇ.

ھوشۇراخۇن قۇربان(ئوڭدا) پوچتىدىن سوۋغات ئەۋەتكەن گۇاڭشىلىق ساياھەت يېتەكچىسى چاڭ جيابىڭ بىلەن ۋىيشىندا سىنلىق سۆزلەشمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىر پاڭ بو، تېڭ مىن فوتوسى


  سوۋغات بىلەن بىللە شىنجاڭغا ئەۋەتىلگەن يەنە بىر پارچە رەھمەت خېتىمۇ بار، چاڭ جيابىڭ خېتىدە سومكىنى يىتتۈرۈپ قويۇش ۋە ئۇنىڭ تېپىلىش جەريانىنى تەپسىلىي بايان قىلدى، خەتتە مۇنداق يېزىلغان: «مەن بىر ساياھەت يېتەكچىسى، بوۋامنىڭ ياخشى ئىشى مېنى تەسىرلەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەنمۇ شىنجاڭنىڭ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلاندىم، شىنجاڭلىقلارنىڭ گۈزەل پەزىلىتىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئېيتىمەن».

  ئورقۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تو جۈنرۇڭ مۇنداق دېدى: ئىلغارلارنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئورقۇ رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ھوشۇراخۇن قۇربانغا ئورقۇ رايونى بويىچە «ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىشنى قارار قىلدى ھەم كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش