دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى | «ئىشىمىز بولسىلا جاڭ جۇڭچياڭنى ئىزدەيمىز»
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-05-18 09:14:56

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى  گۇڭ شىجيې،  ۋاڭ تاۋ 

    «ئىشىمىز بولسىلا جاڭ جۇڭچياڭنى ئىزدەيمىز» دېدى شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرىنىڭ گۈزەل كەنتىدىكى ئاھالە. جاڭ جۇڭچياڭ گۈزەل كەنتىدە تۇغۇلغان، 17 يېشىدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان. 1985-يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ كەسىپ ئالماشتۇرغاندا نوپۇسىنى شەھەرگە يۆتكىمەكچى بولدى، لېكىن كەنتكە قايتىپ كېلىپلا قارارىنى ئۆزگەرتتى. «كەنتتىكى بالىلارنىڭ يۈگۈرۈشۈپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، مۇئەللىملەرنىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى بىلدىم، بالىلارغا دەرس ئۆتكۈدەك ئادەممۇ يوق ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن نوپۇسۇمنى يۆتكىمەي، كەنتكە قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشنى قارار قىلدىم» دېدى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى جاڭ جۇڭچياڭ شۇ چاغنى ئەسلەپ. 

    كەنتكە قايتقاندىن كېيىن، جاڭ جۇڭچياڭ دوست-بۇرادەرلىرىنى يىغىپ 40 مىڭ پارچە كېسەك قۇيدى، ئۇ يەنە كەسىپ ئالماشتۇرغاندا بېرىلگەن پۇلغا 6000 پارچە خىش سېتىۋېلىپ، يىپيېڭى سەككىز دەرسخانا ۋە بىر ھويلا سالدى. يېڭى مەكتەپ بىناسى پۈتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، 100دىن ئارتۇق بالىنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كەلدى. 

    ئۈچ يىلدىن كېيىن، جاڭ جۇڭچياڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن خوشلىشىپ، كەنت كادىرى بولدى، لېكىن ئۇ يەنىلا بالىلارنى ياد ئېتىپ تۇردى، ھەر قېتىمقى ھېيت-بايرامدا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بەردى. 2013-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ ھەر يىلى مەكتەپكە بىر تۈركۈم ئوقۇش قوراللىرىنى ئىئانە قىلدى. 

    كەنت كادىرى ئەلى نىياز مۇنداق دېدى: «جاڭ مۇئەللىمنىڭ ئۇزاق مۇددەت ياردەم بېرىشى بىلەن، ئوقۇشۇمنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدىم. كىچىكىمدىنلا جاڭ مۇئەللىمدىن ئۆگىنىپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئىرادىسىنى باغلىغانىدىم.»

    ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان چېغىدا، 200 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ تېرىقچىلىق قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قولىغا ئاستا-ئاستا پۇل كىردى. كەنت ئاھالىلىرىگە جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قالسا ئۇنىڭدىن ياردەم سورىدى، ئاز بولغاندا 1000 يۈەن كۆپ بولغاندا 60 مىڭ يۈەن بەردى ۋە ئەزەلدىن قەرز بەرگەن پۇلىغا ھېچقانداق ئۆسۈم ئالمىدى، بەرگەن قەرزنىمۇ سۈيلىمىدى. 

    دېھقان ئەمەر ھاپىز ئائىلىسىنىڭ يېرى ئاز، جان سانى كۆپ ئىدى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى باشلانغاندا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى سېتىۋېلىشقا پۇلى كەملەپ قالدى، بۇ چاغدا جاڭ جۇڭچياڭ ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل بېرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى. «بىر قېتىم ئاكامنىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلدى، جاڭ مۇئەللىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاپتوموبىل تېپىپ كېلىپ بىزنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى، يەنە 2000 يۈەن داۋالىنىش پۇلىنى ئالدىن تۆلىدى، ماڭا ئاكامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىمنى تاپىلاپ، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىزنىڭ بۈگۈنكى ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىمىز جاڭ مۇئەللىمنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى ئەمەر. 

   2017-يىلىنىڭ بېشىدا، كەنت ئاھالىسى يۈسۈپ رېھىم تىراكتور سېتىۋالماقچى بولدى، لېكىن مەبلەغ يېتىشمەي قالغاچقا، جاڭ جۇڭچياڭ ئۆيىدىكى 60 مىڭ يۈەننىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا بەردى؛ 2018-يىلى 6-ئايدا، كەنت ئاھالىسى قاھار رېشىت بۇغداي ئورۇش ماشىنىسى سېتىۋالماقچى بولغاندا، جاڭ جۇڭچياڭ ئۇنىڭغا 80 مىڭ يۈەن بېرىپ مەبلەغ توپلىشىغا ياردەم قىلدى... جاڭ جۇڭچياڭنىڭ ھېسابات دەپتىرىگە ھازىرغىچە كەنت ئاھالىلىرىگە بېرىپ تۇرغان 760 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل خاتىرىلەنگەنىدى.

   كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ: «ئىشىمىز بولسىلا جاڭ جۇڭچياڭنى ئىزدەيمىز». بۇنىڭغا جاڭ جۇڭچياڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: «كۆپچىلىكنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم.»

   1989-يىلى 10-ئايدا، جاڭ جۇڭچياڭ كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى. 1996-يىلى ئۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى. جاڭ جۇڭچياڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، كەنتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يېرى ئۈچ موغىمۇ يەتمەسلىكتەك رېئاللىققا قارىتا، ئۇ تاشلىۋېتىلگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆلچەملەشتۈردى ۋە رەتكە سالدى. ئۇ يەنە «سىرتىغا مېۋىلىك كۆچەت تىكىپ ئىچىگە كېۋەز تېرىش، باغ ئىچىگە بۇغداي كىرىشتۈرۈپ تېرىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    كېۋەز تېرىقچىلىقىنى دەسلەپ باشلىغاندا، كەنت ئاھالىلىرى كېۋەز تېرىشنى بىلمىگەچكە، جاڭ جۇڭچياڭ ئېتىز بېشىدا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلدى، تامىقىنى ئېتىز بېشىدا يېدى، ھەتتا ئېتىز بېشىدا يېتىپ-قوپتى. كېيىن تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى ئومۇملاشتۇرۇلغاندا، كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭغا تازا قايىل بولمىدى، جاڭ جۇڭچياڭ بىرنەچچە ئائىلىلىك دېھقان بىلەن بىرلىشىپ ئاۋۋال سىناق قىلىپ كۆردى، كۆپچىلىك بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى كەنتتە ئومۇملاشتى.

   جاڭ جۇڭچياڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتتە باغ-ئورمانچىلىق، كېۋەز تېرىقچىلىقى، پارنىك كۆكتات تېرىقچىلىقى، باقمىچىلىقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپ بارلىققا كەلدى، كەنت كوللېكتىپىنىڭ يىللىق كىرىمى ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنىڭ ئالدىدىكى نەچچە ئونمىڭ يۈەندىن 1 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى دەسلەپكى 1400 يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى. 

   يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، جاڭ جۇڭچياڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەسلىكنى ئىلتىماس قىلدى، لېكىن كەنت كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەر ئۇنىڭغا قىيمىدى، كۆپچىلىكنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى بىلەن، ئۇ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسى ئۈستىگە ئالدى. 

   ھازىر كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەلى مەمەت مۇنداق دېدى: «جاڭ جۇڭچياڭ گەرچە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمىسىمۇ، ئەمما مەسىلىلەرگە يولۇقساق ئۇنىڭدىن پىكىر ئالىمىز، چۈنكى ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدۇ، كەنتنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ». 

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش