دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىمەن
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-05-23 12:06:51

 خې بويەن:

ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىمەن

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

  خې بويەن يازغان شېئىرنىڭ بىر مىسراسىدا «بىباھادۇر شۇنچە ياشلىق باھارىمىز، ئىككىلەنمەي دۆلەت ئۈچۈن بېغىشلاشقا تەييارمىز» دېيىلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇچىسىغا قىزىل رەڭلىك «جەڭ كىيىمى» كىيگەن خې بويەننىڭ جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتى بەيكوۋچۈەن نېفىت ئېلىش زاۋۇتىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولاي دېدى.

  مۇخبىر خې بويەن بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونىدا سەككىز بال بورانغا قارىماي، پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا نېفىت قۇدۇقىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتقانىدى. «خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، مەن باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، قەتئىيلىك ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم» دېدى بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن خې بويەن.

  2020 - يىلى 7 - ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، خې بويەن ھازىرمۇ يەنە قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ. «شۇ كۈنى مەن ئاتا - ئانام بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرنى كۆرۈۋاتقانىدىم، باش شۇجىنىڭ بىزگە جاۋاب خەت يازغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، پۈتۈن ئائىلىدىكى ھەممىمىز ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتتۇق» دېدى ئۇ. شۇ كۈنى كەچتە، خې بويەن كارىۋاتتا يېتىپ بىر كېچە ئۇخلىمىدى، روھلىنىش ۋە ھاياجان ئىچىدە، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  شىنجاڭدا قېلىش خې بويەننىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدا ئالىي مەكتەپنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا چىقارغان قارارى ئىدى. 2019 - يىلى، خې بويەن شەرقىي جۇڭغار مەشغۇلات رايونىغا كېلىپ پىراكتىكا قىلغاندا، ئەزەلدىن ئۇچراپ باقمىغان بىر مەيدان قارا يامغۇرغا دۇچ كەلدى. «مەن بىر پېشقەدەم ئۇستازغا ئەگىشىپ قارا يامغۇردا چارلاپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىقتىم، ئۇ ھەر كۈنلۈك ۋەزىپىنى چوقۇم تاماملاش كېرەك، بۇ ئەڭ ئاساسىي ئىش، دېدى». خې بويەن بۇ سۆزدىن زور ئىلھام ئېلىپ، بۇ يەردە قېلىپ، پېشقەدەم نېفىتچىلارنىڭ كەسىپنى قەدىرلەش، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ۋارىسلىق قىلماقچى بولدى.

  2020 - يىلى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلىرىدىن 118ى شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىشنى تاللاپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە باش شۇجىغا خەت يېزىپ ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى، خې بويەن دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

  خې بويەن سىچۇەن ميەنياڭدىن كەلگەن بولۇپ، ئائىلىسىدە يالغۇز ئوغۇل ئىدى. ياشلار كىشىلىك ھاياتتىكى مۇھىم، زور تاللاش ئالدىدا، ھەمىشە گاڭگىراپ ۋە ئارىسالدى بولۇپ قالىدۇ، باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى ئۇنىڭ چېگرا رايوننىڭ ئاساسىي قاتلىمىدا يىلتىز تارتىش ئىرادىسىنى چىڭىتتى.

  خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، خې بويەن مۇھىتتىن كەلگەن خىرىسنى ھېس قىلدى. بۇ ئىككى قىش پەسلىنى ئۇ ماخۇ كۆلى 3 - نېفىت ئېلىش مەشغۇلات رايونىدا ئۆتكۈزدى. ماخۇ كۆلىنىڭ قىش پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولۇپ، سىرتتا يېرىم سائەت مەشغۇلات قىلسىلا ناھايىتى توڭلاپ كېتەتتى، تۇرۇۋاتقان كونتېينېرنىڭ ئىچى كەچتە توك پارنى ئېچىپ قويسىمۇ ناھايىتى سوغۇق ئىدى. نېفىتلىكتە 24 سائەتنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، نورمالسىزلىق كۆرۈلسىلا مەسىلىنى دەرھال ھەل قىلىشقا توغرا كېلەتتى.

  «مەن پېشقەدەم ئۇستازلارغا ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، تېخنىكا قائىدىسى ۋە خىزمەت تەجرىبىسىنى ئىگىلىۋالدىم، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېھتىياتچان، ئەستايىدىل بولۇشتىن ئىبارەت خىزمەت پوزىتسىيەسى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم» دېدى خې بويەن.

  بۈگۈنكى كۈندە، خې بويەن قۇدۇق ئاستى مەشغۇلاتىنى باشقۇرۇشنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەلالاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەلالاشتۇرۇش لايىھەسىنىڭ ھەربىر قۇدۇقتا ئىشلىتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن، ماتېرىيالنىڭ خورىشىنىڭ ئازراق ئازلىغانلىقى، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئازراق ئاشقانلىقى، ئۈنۈمنىڭ ئازراق ئۆسكەنلىكىنى كۆرسە ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كېتەتتى. «كارخانىنىڭ ھەربىر توننا مەھسۇلات مىقدارى ئاز - ئازدىن <تېجەش> ئارقىلىق قولغا كەلگەن، نەتىجىنىڭ ئارقىسىدا ھەربىر مەشغۇلات رايونىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بار» دېدى ئۇ.

  «مەن شىنجاڭدا قېلىش قارارىنى چىقارغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال، دەپ ئېيتماقچىمەن. بىزدىن زور ئۈمىدلەر كۈتۈلۈۋاتىدۇ، بىزمۇ ياخشى دەۋرگە توغرا كەلدۇق، كەلگۈسىگە نەزەر سالساق پۇختا قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك، مەن ھەربىر قەدەمنى ياخشى بېسىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىمەن» دېدى خې بويەن.

  خې بويەن مۇنداق دېدى: ياش ئەۋلادلاردا ياش ئەۋلادلارغا خاس مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە مەسئۇلىيەت بار، ھازىر بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى تېز، كىرىزىس تۇيغۇسى باشتىن - ئاخىر ھەمراھ بولۇپ تۇرىدۇ، جەزمەن ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ماھارەت ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ قىممەت ياراتقىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش