دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ماسكا سېتىۋالغاندا رەڭگىگىلا قارىماڭ!
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-05-13 12:33:41

 ماسكا سېتىۋالغاندا رەڭگىگىلا قارىماڭ! پەقەت مۇشۇ نەچچە خىل ماسكىلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ماسكا سىرتقا چىققاندا ئېلىۋالىدىغان زۆرۈر بۇيۇم بولۇپ قالدى. باھارنىڭ كەينىدىن يازنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بازارلاردا ھەر خىل ماسكا بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى، بەزىلىرىگە گۈل بېسىلدى ۋە بېزەلدى، بەزىلىرى ئاپتاپتىن ساقلايدىغان قىلىپ ئىشلەندى... بۇ ماسكىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى بارمۇ- يوق؟ يەنە قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

  قايسى ماسكىلارنى يۇقۇم مەزگىلىدە تاقاشقا ماس كەلمەيدۇ؟

  بازاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ماسكىلارنىڭ تۈرى ئاساسلىقى ئاپتاپتىن ساقلاش، ئىسسىقلىق ساقلاش تۈرىدىكى، بېزەك تۈرىدىكى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىش تۈرىدىكى ۋە سانائەتتە ئىشلىتىلىش تۈرىدىكى ماسكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتاپتىن ساقلاش، ئىسسىق ساقلاش تۈرىدىكى ماسكىلار ۋە بېزەك تۈرىدىكى ماسكىلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەزگىلىدە تاقاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئاپتاپتىن ساقلاش ھەم ئىسسىق ساقلاش تۈرىدىكى ماسكىلار

  سۇنئىي يىپەك تۈرىدىكى ئاپتاپتىن ساقلىنىش ماسكىلىرىنى ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۈچلۈك بولغان جايدا تاقىغاندا بەلگىلىك ئاپتاپتىن ساقلاش ئۈنۈمى بولىدۇ، ئىسسىق ساقلاش تۈرىدىكى ماسكىلارنى كۈز، قىش پەسىللىرىدە تاقىغاندا ئىسسىقلىق ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ، لېكىن بۇ ئىككى خىل ماسكا ماتېرىيالىنىڭ كاۋاكچىلىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ۋىرۇستىن مۇداپىئە قىلالمايدۇ.

  2. بېزەك تۈرىدىكى ماسكىلار

  توردا ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گۈل بېسىلغان، رەڭ بېرىلگەن ماسكىلار سېتىلىۋاتىدۇ. بۇ تۈردىكى ماسكىلارنى سېتىۋالغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك، يەنە يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن.

  بىرىنچى، بۇ تۈردىكى ماسكىلارنىڭ سىرتقى شەكلى گەرچە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن ۋىرۇستىن مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولغاچقا، مۇداپىيەلىنىشتە بوشلۇق قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛

  ئىككىنچى، بۇنداق ماسكىلارغا كۆپ ھاللاردا رەڭلىك باسما مېيى بېسىلىدۇ، ئەگەر رەڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا، رەڭلىك باسما مېيى يۈز تېرىسىنى غىدىقلاپ، زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛

  ئۈچىنچى، بەزى ماسكىلاردا يەنە ئاروماتىك ئامىن تۈرىدىكى بوياقلار بولىدۇ، بۇنداق بوياقلار راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى پارچىلاپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.

  قايسى ماسكىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە؟ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولامدۇ؟

  دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان N95 تۈرىدىكى ماسكا، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى، داۋالاشتا بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان ماسكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  1. N95 تۈردىكى ماسكىلار

  داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان N95 ماسكىسىدا مىكرو زەررىچىلەرنى توسۇش ئىقتىدارى ئاساسىدا سۇسىزلاشتۇرۇش قاتلىمى كۆپەيتىلگەن، سۇيۇقلۇقنىڭ چاچراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، بولۇپمۇ دوختۇرلار نەيچە كىرگۈزۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارغاندا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مۇداپىئە قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.

  N95 يۈرۈشلۈك ماسكىلار (N99، 95، 90)نىڭ مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، لېكىن ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى بىر قەدەر ناچار، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە ئاسانلا ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ساغلام كىشىلەر توپىنىڭ تاقىشىغا ماس كېلىدۇ.

  بازاردا دائىم بەزى سودىگەرلەرنىڭ سانائەتتە چاڭ- توزاندىن ساقلاش ماسكىسىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان N95 ماسكىسىنىڭ ئورنىدا سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، نۇرغۇن كىشى ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ (سانائەتتە چاڭ- توزاندىن ساقلاش ماسكىسىنىڭ دائىم ئۇچرايدىغان بەلگە نومۇرى KN90، KN95، KN100، KP90، KP95، KP100).

  2. داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى

  داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىدىمۇ ئوخشاشلا سۈزۈش قەۋىتى ۋە سۇسىزلاشتۇرۇش قەۋىتى بولىدۇ، سۇسىزلاشتۇرۇش قەۋىتى سۇيۇقلۇق ياكى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدۇ. ئەمما دانچىلاردىن مۇداپىئە قىلىش، دانچىلارنى سۈزۈش ئىقتىدارى جەھەتتە، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىنىڭ ئىقتىدارى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان N95 ماسكىسىنىڭ مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىدىن سەل ناچار بولىدۇ.

  تۆۋەن خەتەرلىك رايونلاردىكى ئادەتتىكى كىشىلەر داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىنى ئىشلەتكەندە، ئاساسىي جەھەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

  3. داۋالاشتا بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان ماسكا

  بۇ تۈردىكى ماسكىلار ئادەتتە توقۇلمىسىز رەختتىن ياسالغان بولۇپ، بۇرۇن بوشلۇقى ۋە ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئاجرالمىلارنىڭ بۇلغىشىنى توسۇپ قالالايدۇ، مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىدىن ئاجىزراق.

  4. بالىلار ماسكىسى

  بالىلارنىڭ تېرىسى، نەپەس يولى ۋە باش سۆڭىكى قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن، مەخسۇس بالىلار ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىلغان. سېتىۋالغاندا ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بالىلار ماسكىسىنى تاللاش كېرەك.

  ماسكىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن- يەتمىگەنلىكىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

  ئەگەر سېتىۋالغاندا تاللاش ۋە پەرقلەندۈرۈش تەس بولسا، ماسكا ئورالمىسىنىڭ ئۈستىدىكى كودنى كۆرسە بولىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بەش خىل ماسكا كودى:

  داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئەلىنىش ماسكىسى [GB19083-2010]

  داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى [YY0469-2011]

  داۋالاشتا بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان ماسكا [YY/T0969-2013]

  كۈندىلىك مۇداپىئەلىنىش تىپىدىكى ماسكا [GB/T32610-2016]

  بالىلار ماسكىسى [GB/T38880-2020]

  پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش