دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئاقسۇ گېزىتخانىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-06-23 11:32:51

 微信截图_20210623113211.png

      گېزىتخانىنىڭ پارتىيەلىك كادىرلىرى تەۋەلىكتىكى ئاممىغا «شەرق قىزاردى»، «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى»، «ئالغا! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى»، «مارجان قەسىدىسى»، «مېنىڭ جۇڭگو قەلبىم» قاتارلىق تونۇش بولغان قىزىل ناخشا تېكىستلىرىنى تارقىتىپ بەرمەكتە.                        مۇخبىرىمىز نىڭ يەن فوتوسى                                     

     ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ئاقسۇ گېزىتخانىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، پارتىيە ئەزالىرى ئۆزلىرى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللىلەردە پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى بەس ـ بەستە قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەھەللە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتەك ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

    پائالىيەتتە، پارتىيە ئەزالىرى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لەنگەر كوچا باشقارمىسى ئالغا مەھەللىسى، يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى مەدەنىيەت مەھەللىسىگە بېرىپ تەۋەلىكتىكى بىر قىسىم پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ سۆزلەپ بەرگەن قىزىل ھېكايىلىرى ۋە ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاڭلىدى. پارتىيە ئەزالىرى يەنە تەۋەلىكتىكى ئاممىغا «شەرق قىزاردى»، «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى»، «ئالغا! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى»، «مارجان قەسىدىسى»، «مېنىڭ جۇڭگو قەلبىم» قاتارلىق تونۇش بولغان قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىپ بەردى ھەمدە ئاھالىلەر بىلەن بىللە قىزىل ناخشا ئېيتتى.

    پارتيە ئەزالىرى، كادىرلار ئالغا مەھەللىسىگە بېرىپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق بار ـ يوقلۇقىنى سوراپ، ئۇلارغا سالامەتلىكىنى ئاسراشنى تاپىلىدى.

    ئارقىدىنلا، گېزىتخانىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلىرى ئولتۇراق رايوندىكى ئاممىغا قىزىل ناخشا تېكىستىنى تارقىتىپ بېرىپ، ناخشا ساداسى ئارقىلىق مېھىر ـ شەپقەت ئاكتىپ ئېنېرگىيەسى تارقاتتى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە، ئاقسۇ گېزىتخانىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدارىدە ئىشلەپ، مەھەللىدە پائالىيەت قىلىپ، قوش ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇپ، گېزىتخانىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇلازىمەت قىلىش روھىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى.

   بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ئاقسۇ دەۋر تاراتقۇ چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دۇڭ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: مەھەللىلەرگە بېرىپ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىرتۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتى، شۇنداقلا پارتىيە ئەزاسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىدىغان ئىش، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىپ يەتتىم، ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىناق، گۈزەل، بەختلىك يۇرتىمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشىمەن.

    ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى خەن چاۋخۇانىڭ پارتىيە ئىستاژى بۇ يىل 60 يىلغا توشقان ئىدى. مەدەنىيەت مەھەللىسىدە، گېزىتخانىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلىرى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ۋاڭ جېن قوماندان ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ھېكايىسىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. خەن چاۋخۇا مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ ئۆيۈمگە كەلگىنىڭلاردىن كۆپ مىننەتدار بولدۇم، پارتىيەنىڭ كۆيۈنگەنلىكىگە، غەمخورلۇق قىلغىنىغا رەھمەت، كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، ئۇ قەلبىمدىكى مەڭگۈلۈك قىزىل ئەسلىمە.

    لەڭگەر كوچا باشقارمىسى ئالغا مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تاڭ چيۇڭ مۇنداق دېدى: «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش» بىلەن مەھەللىنىڭ پىدائىيلار خىزمىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، كۆيۈنۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ئامما ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەھەللە مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئاكتىپچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق.   

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش