دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

كېلەچىكىمىز گۈزەل ئىشەنچىمىز تولۇق
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-10-25 12:36:06

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، قاراماي شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلغاندا، ۋەكىل لى ۋېنيىڭ (ئوڭدىن 1 - كىشى) مۇھىت تازىلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نېفىت شەھىرى ئۈچۈن ئەلا مۇھىت يارىتىش توغرىسىدا سۆز قىلدى.□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى پېيفېڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي

«ۋەزىيەت، ۋەزىپىنى ئېنىق تونۇپ، نىشان - تەلەپنى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىسى، نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، يەلكەن چىقىرىلدى. قۇرۇلتايغا قاتناشقان ھەر مىللەت ۋەكىللەر چوڭقۇر ئىلھاملاندى، ئىشەنچكە تولدى.

نىشان ئايدىڭلاشتى، تەدبىر ئەمەلىي بولدى

«كەلگۈسى بەش يىلدا شىنجاڭدا چوقۇم تېخىمۇ زور تەرەققىيات بولىدۇ، بۇ ئىشەنچ دوكلاتتىكى <ئەمەلىي بولۇش>تىن كەلدى.» ۋەكىل سۇن كەي داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭدا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، يەتتە يىل چېنىقىش، ئۆسۈپ يېتىلىش ئارقىلىق، قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولدى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشقا قويۇپ، ئەستايىدىل بولۇپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى چىڭ كۆزلەشنى بوشاشتۇرماسلىق، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدا ئالغا سىلجىتىشنى بوشاشتۇرماسلىق، كۈچ سەرپ قىلىپ يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى بوشاشتۇرماسلىقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تەرەپتىن ئىنچىكىلەشتۈردى.

قومۇل شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىدە، ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى «تەدبىر ئەمەلىي بولۇش» ۋە «ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى. «بۇ ئىككى <ئەمەلىي> ئۆزئارا ئايرىلالمايدۇ.» قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر، ۋەكىل ئىبراھىم كىچىك مۇنداق قارىدى: پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر جەزمەن ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ، لېكىن «ئەمەلىي» بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلساقلا، خىزمەتلەردە چوقۇم نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈلىدۇ.

«قومۇلدا ئېنېرگىيە بايلىق زاپىسى مول، يېشىل تەرەققىيات جەزمەن ئاساسىي يۆنىلىش قىلىنىشى كېرەك. قىيىن دېيىشكىمۇ، ئاسان دېيىشكىمۇ بولىدۇ، ئاچقۇچلىقى يەنىلا تەدبىرنىڭ ئەمەلىي بولغان - بولمىغانلىقىغا، قومۇلنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن - كەلمىگەنلىكىگە، پۇختا، ئىنچىكە بولغان - بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.» ئىبراھىم كىچىك مۇنداق تونۇشتۇردى: قومۇل يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق جابدۇق ياسىمىچىلىقى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى تۆۋەن كاربونلۇق ئېكولوگىيەلىك قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋە ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇشى، يېشىل تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قومۇلنىڭ يېشىل تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

«ئەڭ ئاساسلىقى پۇقرالار ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىشى كېرەك.» ۋەكىل خې خۇڭتاۋ ساۋەندىن كەلگەن بولۇپ، شۇاڭچۈەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى، ئۇ يۇرتداشلارنى باشلاپ كېۋەز تېرىپ بېيىش يولىغا ماڭدى، «ئەمەلىي» بولۇشقا نىسبەتەن ئاددىي، ئېنىق چۈشەنچىسى بار. «دوكلاتتىكى تۈرلۈك ئەمەلىي تەدبىرلەر كۆرگىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشساقلا، ئۇنى تۇتقىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپكە ئايلاندۇرالايمىز» دېدى ئۇ.

تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، غەيرىتىمىز تولۇپ تاشتى

«نىشان ئېنىق بولسا، غەيرىتىمىز ئاشىدۇ. ئۆتكەن بەش يىلدا تۇرمۇشىمىز كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىپ، بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش غەيرىتىمىز تولۇپ تاشتى» دېدى خې خۇڭتاۋ.

خوتەنلىك بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا قاتناشقان ۋەكىل ئەركىن رەجەپ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مەدھىيەلىدى. «گەرچە بۇ بىر مەيدان داۋالاش - قۇتقۇزۇشتىكى كۈچ ئۇلاش بولسىمۇ، بىراق پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى كۈچلۈك غەيرەت، بىرىكمە كۈچنى نامايان قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشى بولمىسا، بۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئۈزۈلگەن بىلىكى قايتا ئۇلانمىغان بولاتتى.» ئەركىن رەجەپ سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى، ئۇ مۇنداق قارىدى: پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان، ياخشى داۋالىنالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى، كەلگۈسى تۇرمۇشقا نىسبەتەن بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭسىلا تۇرمۇشىنىڭ چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندى، مۇشۇنداق بولغاندىلا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىن ئىبارەت خەلق كۈچى مۇجەسسەملىنىدۇ.

تولۇپ - تاشقان غەيرەت يەنە كونكرېت خىزمەتلەرنى پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشتا ئىپادىلەندى. ھازىرغا قەدەر، قومۇل شەھىرى كېلەر يىلى تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرىدىن جەمئىي 572نى پىلانلىدى، ئومۇمىي سېلىنما 380 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، 300دىن ئارتۇق نۇقتىلىق تۈرنى بېكىتتى، كېلەر يىلى 2 - ئايدا ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى تاماملاپ، 3 - ئايدا ئىش باشلاش نىسبىتىنىڭ %80تىن ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. «بۇنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ ئەستايىدىل ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.» ئىبراھىم كىچىك مۇنداق قارىدى: ئۆتكەن بەش يىلدىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشتىن كەلگەن؛ كەلگۈسى بەش يىلدا، تېخىمۇ مۇھىمى «باشتىن باشلاش» روھىي ھالىتى، «كۈچەش» قىياپىتى، «ئىمتىھانغا بېرىش» ھالىتىنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ئىشلەش ئارقىلىق يېڭى سالماق يارىتىپ، يېڭى يۈكسەكلىك بەرپا قىلىمىز.

ئەتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز

«دوكلات ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، كۆيۈنۈش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان گۈزەل ئارزۇ - ئۈمىدلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىزگە ئىشەنچ ۋە كۈچ ئاتا قىلدى.» سۇن كەي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىزنى يېتەكلەپ قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھالقىمۇ ھالقا تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى، بىرنەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، خوتەندە جەمئىيەت مۇقىم بولۇش، ئاساسىي قاتلام مۇقىم بولۇش، كىشىلەر خاتىرجەم بولۇش ئىشقا ئاشتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى بارغانسېرى كۈچەيدى، بۇ ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىياتقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

خې خۇڭتاۋ يىغىن ئارىلىقىدا ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئىزچىل ئالاقىلىشىپ تۇردى، يۇرتداشلار بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق ھېسسىياتى، رەھمىتىنى چوقۇم پارتىيە قۇرۇلتىيىغا يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ بىلەن كېلەر يىللىق تېرىقچىلىق پىلانى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى توغرىسىدا پائال مەسلىھەتلەشتى. «پارتىيە بىزنى يېتەكلەپ قىلغان ھەربىر ئىشنىڭ ھەممىسى نەتىجىلىك بولدى، بۇ بىزگە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.» خې خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ چاقىرىق كۈچى بارغانسېرى كۈچەيدى، ئەڭ نېگىزلىكى ھەر مىللەت ئامما تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەندى.

«بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشساقلا، قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق» «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، جان - دىل بىلەن تەرەققىياتنى كۆزلەيمىز» «پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز»... مۇزاكىرە داۋامىدا، ۋەكىللەر كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدكە تولدى، ئىشەنچى تولۇپ تاشتى، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى بولىدىكەن، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش