دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-11-24 18:19:42

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى   چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى.

□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: يىغىن مەيدانى.

□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى.

ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا بەرگەن مۇھىم دوكلاتى، مۇھىم ئىزاھاتى، مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، چېن چۈەنگونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە ۋە خەلق غەلىبىلىك ھالدا بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا بەرگەن مۇھىم دوكلاتى، مۇھىم ئىزاھاتى، مۇھىم سۆزىدە ئوڭۇشلۇق ۋەزىيەتتە تۇرۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىشىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» بىر شانلىق ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى سىياسىي خىتابنامىسى، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا زىچ ئەگىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدەك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم دوكلاتى، مۇھىم ئىزاھاتى، مۇھىم سۆزى ۋە «قارار»نىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىشى، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىشى كېرەك. ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى مەركەزلىك ئۆگىنىپ، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشى، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشى كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، تەشۋىق قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەر تەرەپلىمە تەشۋىق قىلىپ، كۆپ نۇقتىدىن خەۋەر قىلىپ، تور ۋە تور سىرتىدا ئىجابىي ئاممىۋى پىكىر داغدۇغىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قابىل كۈچلەرنى ئاجرىتىپ، لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن، ئاممىغا يۈزلەنگەن ئوبيېكتلاشقان، تۈرگە ئايرىلغان، ھەمتۈرتكىلەشكەن لېكسىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەربىيەلەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى، كادىرلار شۆيۈەنلىرى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، تەربىيەلەشتىكى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مۇددەتكە، تۈركۈمگە بۆلۈپ سىستېمىلىق تەربىيەلىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسىنى ياخشى سۆزلىشى كېرەك. ئومۇملاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مىللەتلەر تىل-يېزىقىغا تەرجىمە قىلىپ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەمىنلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئىككىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، قان تومۇرغا سىڭدۈرۈپ، روھقا ئورنىتىپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى يولغا قويۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. ئالتىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىش كېرەك. يەتتىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. سەككىزىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ئۇيۇشتۇرۇش، مۇجەسسەملەش كېرەك. توققۇزىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئونىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شەكىل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىنى مەردانىلىك بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك. ئون بىرىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئون ئىككىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر كېڭەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، «14-بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىر، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قىشلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، كۈزگى بۇغدايلارنى قىشتىن ئۆتكۈزۈش پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، چارۋىلارنى قىشتىن ئۆتكۈزۈپ ئەتىيازدىن چىقىرىش، تۆل ئېلىپ، قوزىلارنى پەرۋىش قىلىش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەبلەغ سېلىش ۋە تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەھەر-يېزا ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزا بازىرىنى گۈللەندۈرۈپ، تاۋار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىچكى ئېھتىياج بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۇختا تۇتۇپ، يادرولۇق رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېنېرگىيەدە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى قىيىن ئىشلارنى، ئامما باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مالىيە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش