دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

قوش كىشىلىك تۈردە ئالتۇن مېدال قولغا كەلدى ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى كىشىنى روھلاندۇردى ھاۋارايى ۋە يۇقۇم كىشىنى سەل بىئارام قىلدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-07-29 12:31:43

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۇڭجىڭ، 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ چىنئوۋ، ۋاڭ خېڭجى) ھەمراھلار بىر نىيەتتە بولسا، ھەرقانداق ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو قوش كىشىلىك ئۈچ تۈردە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى كىشىنى روھلاندۇردى، ئۈچ كىشىلىك ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى، بەش كىشىلىك تۈزۈمدىكى ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى يۇقىرى نومۇر بىلەن غەلىبە قىلىپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى كۈتۈۋالدى. مۇسابىقە مەيدانى سىرتىدا، ھاۋارايى يۇقۇمدىن باشقا تەشكىلىي كومىتېتنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان يەنە بىر ئامىلغا ئايلاندى. سىرتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان بەزى تۈرلەر تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، چيەنيې ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دولقۇن تېيىلىش تۈرىدە مۇسابىقە تەرتىپى تېزلىتىلگەن بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى دولقۇن تېيىلىش ئالتۇن مېدالى «مۇددەتتىن بۇرۇن» بارلىققا كەلدى.

قارىغا ئېتىش تۈرىدە بىر كۈندە ئىككى مېدال قولغا كەلدى، چۈشتىن بۇرۇن تۇنجى بولۇپ باشلانغان ئون مېتىر ئارىلىقتا يەل تاپانچا بىلەن قارىغا ئېتىش ئارىلاشما كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ماھىرلىرى پاڭ ۋېي ۋە جياڭ رەنشىن 14: 16 نەتىجە بىلەن رۇسىيە گۇرۇپپىسىنى يېڭىپ چېمپىيون بولدى، بۇمۇ پېشقەدەم ماھىر پاڭ ۋېينىڭ 13 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ۋە جياڭ رەنشىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان يەككە مۇسابىقىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا مىس مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئالتۇن مېدال ئېلىشنى «ئىككى مىس مېدالنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر ئالتۇن مېدال سوقۇش» دېيىشكە بولىدۇ.

ئارقىدىن، ئون مېتىر ئارىلىقتا يەل مىلتىق بىلەن قارىغا ئېتىش ئارىلاشما كوللېكتىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى ناھايىتى ئىپتىخارلاندى، ياڭ چيەن، ياڭ خاۋرەن گۇرۇپپىسى يەنە بىر ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاياللار ئون مېتىر ئارىلىقتا يەل مىلتىق بىلەن قارىغا ئېتىش يەككە مۇسابىقىسىدە بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن ياڭ چيەن بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۆزى يالغۇز قوش ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشتەك مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى.

سۇغا سەكرەش «ئارزۇ كوماندىسى» ئالدىنقى كۈنى ئالتۇن مېدالنى قولدىن بېرىپ قويۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى، «2000 - يىللاردا تۇغۇلغان»لار گۇرۇپپىسى چېن يۈشى╱ جاڭ جياچى ئاياللارنىڭ ئون مېتىرلىق سۇپىدىن قوش سەكرەش تۈرىدە چېمپىيون بولدى. ئۇلار ئىككىسىنىڭ بەش قېتىمدا ئېرىشكەن نومۇرى بىردەك 1 - ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئىپادىسىدە نۇقسان يوق دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو كوماندىسىمۇ بۇ تۈردە ئۇدا ئالتە قېتىم چېمپىيون بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى زەپەر مارشىنى ياڭراتتى. بەش كىشىلىك تۈزۈمدىكى مۇسابىقە مەيدانىدا، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم كارامىتىنى كۆرسىتىپ، 42 نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن پوئېرتورىكو كوماندىسىنى يېڭىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى كۈتۈۋالدى. ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول ئاياللار كوماندىسى ئاۋۋال موڭغۇلىيە دۆلىتى كوماندىسىنى ئاسانلا يېڭىپ گۇرۇپپىدىن چىقتى، كەچتە يەنە 13: 19 نەتىجە بىلەن ئىتالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى، كوماندا ئەزاسى ۋاڭ لىلى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە يالغۇز 11 نومۇر ئېلىشتەك ئىپادىسى بىلەن قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋاسكېتبول چوڭ تۈرى ئىچىدىكى يېڭى تۈر بولۇپ، 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئەرلەر، ئاياللار تۈرىدە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كېلىدۇ، ئايلانما مۇسابىقە باسقۇچىدا قەيسەر ئىستىلى ۋە سالماق ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلغان جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى تارىخ يارىتىشى مۇمكىن.

ئۈچ چوڭ توپ تۈرىدە خۇشاللىقمۇ، ئەندىشىمۇ بار، تۇنجى مەيداندا تۈركىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئاياللار ۋالېبول كوماندىسى يەنە 3: 0 نەتىجە بىلەن ئامېرىكىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولدى. نۇقتىلىق ماھىر جۇ تىڭنىڭ قول بېغىشىدىكى يارا يەنىلا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇسابىقىدە يەنىلا پۈتۈن كوماندا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان 18 نومۇر ئالدى. ئاياللار پۇتبول كوماندىسى كەچتە 8: 2 چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن 2019 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2 - لىككە ئېرىشكەن گوللاندىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئۈچ كىشىلىك ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقىش ئاچقۇچلۇق جېڭىدە 21: 16 نەتىجە بىلەن ياپونىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.

تەيچۈەنداۋ تۈرى شۇ كۈنى ئاياغلاشتى، جۇڭگو كوماندىسى ئاران بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى؛ ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا كورېيەمۇ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشەلمەي، بىر كۈمۈش مېدال، ئىككى مىس مېدالنىلا ئېلىپ قايتتى.

جۇڭگو تەيبېي كوماندىسى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تۇنجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ئاياللارنىڭ 59 كىلوگىرام دەرىجىلىكلەر ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە، ئۈچ تۈردە دۇنيا رېكورتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان گو شىڭچۇن 236 كىلوگىرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ ئاسانلا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، نەتىجىسى 2 - لىككە ئېرىشكۈچىنىڭكىدىن 19 كىلوگىرام ئارتۇق بولدى. لېكىن مۇسابىقىدىن كېيىن، گو شىڭچۇن دۇنيا رېكورتىنى بۇزالمىغاچقا ئاچچىقىدا يىغلاپ كەتتى.

يەنە بىر مۇسابىقە مەيدانىدىكى قىزىقارلىق كۆرۈنۈش تاشيولدا ۋېلىسىپىت مىنىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كۆرۈلدى، بۇ تۈردە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننىڭ ھەممىسى شىۋېيتسارىيەلىك ماھىرلارنىڭ بولدى، بۇ يەنە بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا تۇنجى قېتىم ئوخشاش دۆلەت بايرىقىدىن ئۈچى تەڭ چىقىرىلغان كۆرۈنۈش ھېسابلىنىدۇ.

ساھىبخانا كوماندىنىڭ شۇ كۈندىكى ئىپادىسى داۋاملىق كۈچلۈك بولدى. ياپونىيە قورغان توپ كوماندىسى 0: 2 نەتىجە بىلەن ئامېرىكىنى يېڭىپ، قورغان توپ 13 يىلدىن كېيىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى بۇ ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى، نۆۋەتتە ياپونىيە 10 ئالتۇن مېدال بىلەن ئالتۇن مېدال تىزىملىكىدە 1 - ئورۇندا تۇردى. جۇڭگو 9 ئالتۇن مېدال، 5 كۈمۈش مېدال، 7 مىس مېدال بىلەن 3 - ئورۇندا تۇردى.

لېكىن ساھىبخانا كوماندىنىڭمۇ باش ئاغرىقى بار. گەرچە تىكتاك توپ ئارىلاش جۈپ ئويناش تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئېلىشقا بەك تىرىشقان بولسىمۇ، زور ئۈمىد باغلىغان جاڭبېن جىخې بىلەن دەنيۈ شياۋشىدىن ئىبارەت ياپونىيەلىك ئىككى نەپەر ئەرلەر يەككە ئويناش ماھىرى سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىرەلمىدى. جۇڭگولۇق ئەرلەر يەككە ئويناش ماھىرى فەن جېندۇڭ، ما لۇڭ ۋە ئاياللار يەككە ئويناش ماھىرى چېن مېڭ، سۈن يىڭشانىڭ ھەممىسى سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىردى.

باش ئاغرىقىغا قالغانلاردىن يەنە ئامېرىكا ئاياللار گىمناستىكا كوماندىسىمۇ بار. شۇ كۈندىكى كوللېكتىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، كوماندىدىكى داڭلىق ماھىر بىلېس مۇسابىقە داۋامىدا «داۋالىنىش مەسىلىسى» سەۋەبىدىن مۇسابىقىدىن چېكىنىپ چىققاچقا، رۇسىيە چېمپىيون بولدى، جۇڭگو كوماندىسى ئاران 7 - بولدى.

مۇسابىقە مەيدانى سىرتىدا، تەيفېڭ بورىنى ھۇجۇم قىلدى، گەرچە بۇزغۇنچىلىق كۈچى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن سۇ ئۈستى تۈرلىرى كەينى - كەينىدىن تەسىرگە ئۇچرىدى. يەلكەنلىك كېمە، يەلكەنلىك تاختا بويىچە شۇ كۈنى باشلانغان ئاياللارنىڭ 49 كىشىلىك مۇسابىقىسىدە، رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 2 - بولغان يېڭى زېلاندىيە كوماندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كوماندىلارنىڭ كېمىسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، نەتىجىسى بىكار قىلىندى. يەنە بەزى كېمە كوماندىلىرى بەلگىلەنگەن يولغا چىقىش رايونىغا يېتىپ بارالمىدى. بەختكە يارىشا جۇڭگو كوماندىسى مۇسابىقىنى بىخەتەر تاماملاپ، نەتىجىسى ۋاقتىنچە 19 - ئورۇندا تۇردى.

ئەسلىدە 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان دولقۇن تېيىلىش تۈرىدىمۇ شۇ سەۋەبتىن مۇسابىقە بىر كۈن بالدۇر ئاخىرلاشتى. چيەنيې ناھىيەسىدىكى دولقۇندا، بىرازىلىيەلىك ماھىر فېررېرا ۋە ئامېرىكىلىق ماھىر مور ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەرلەر، ئاياللار تۈرىدە چېمپىيون بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز تۈرىدە تۇنجى ئولىمپىك چېمپىيونى بولدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىمۇ يەنىلا «بەسلەشمەكتە». ياپونىيە دۇڭجىڭدۇ ھۆكۈمىتى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دۇڭجىڭدۇدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىق مىسالىنىڭ يېڭىدىن 2848 كىشى كۆپىيىپ، تارىختا ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ياپونىيە باش ۋەزىرى جيەن يىۋېي شۇ كۈنى كەچقۇرۇن بۇنىڭغا قارىتا «كۈچلۈك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى»نى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى توختىتىش ئېھتىماللىقىنى ئىنكار قىلدى. ھازىرغا قەدەر، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئېلان قىلغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئالاقىدار خادىملار ئارىسىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 155 كىشى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش