دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 122- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-06-04 17:32:10

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 122 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، بۇغداي سېتىۋېلىش ۋە مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى كاپالەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا «قوش تىزگىنلەش»نى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپ، ئېنېرگىيە، تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ئېنېرگىيە تېجەشنى ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاشلىق دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، ئاشلىق بىخەتەرلىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى باش تۇتقا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بۇغداي سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مېتېئورولوگىيە خىزمىتى ھايات بىخەتەرلىكىگە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىغا، تۇرمۇشنىڭ باياشات بولۇشىغا، ئېكولوگىيەنىڭ ياخشى بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، مېتېئورولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆزىتىش - ئۆلچەش ئېنىق بولۇش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش دەل جايىدا بولۇش، مۇلازىمەت ئىنچىكە بولۇش سەۋىيەسى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش كاپالەت ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تارماقلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مېتېئورولوگىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى كونكرېت تەدبىر. ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش