دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ئامېرىكا تەرەپ ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت «ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ»
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-07-30 17:30:22

□ شىنجاڭ داچۈەن يېڭى ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى    ۋاڭ لېي

مەن 2011 - يىلى شىركەتكە كىرگەن، ھازىر ئاساسلىقى شىركەتنىڭ سىستېما خىزمىتىگە مەسئۇل. نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم «سىستېما»نىڭ زادى نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بۇ خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى تۈزگەن بەزى ئۆلچەمنى شىركەتتە ئالغا سىلجىتىپ، يولغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ.

مەن شىركەتكە كىرگەندە، شىركەت ئەمدىلا قۇرۇلۇشقا باشلىغانىدى. سىستېمىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇكى، ئېتىراپ قىلىش قۇرۇلما نورمال يۈرۈشكەندىن كېيىنكى بىر يىلدا ئاندىن ئىشلىنىدۇ، شۇڭا مەن ئەينى چاغدا شىركەت ئەمدىلا قۇرۇلۇشقا باشلىغاندا نېمە ئۈچۈن بۇ ئىش ئورنىغا ئادەم تەكلىپ قىلىدىغاندۇ، دەپ ناھايىتى ھەيران قالغانىدىم. ئەينى چاغدا يۈزتۇرا ئىمتىھان ئالغان رەھبەر ماڭا، ئادەتنىڭ بىر خىل يېتىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى، شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا ئىچكى قىسىمنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشنىڭ كۆپچىلىكنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، شىركەتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

شىركەتتە ئىشلىگەن ئون يىلدا، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بۇ بىر ناھايىتى ئادىمىيلىككە ئىگە، قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان شىركەت، خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشىش ھوقۇقى، ئارام ئېلىش - دەم ئېلىش ھوقۇقى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى - ساقلىق ساقلاشنى قوغداش ھوقۇقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پاراۋانلىقىغا ئېرىشىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇق - مەنپەئەتلىرى بىردەك قانۇن بويىچە قوغدالدى. خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە قارىتا ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىملەش يولغا قويۇلدى، مائاش كىرىمى شىنجاڭدا ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە تەۋە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىركەت خىزمەتچىلەرنىڭ چاغان، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت - بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى دەم ئېلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شىركەت يەنە مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى، يىللىق مۇكاپات قاتارلىق تۈرلۈك پاراۋانلىق تەمىناتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد، مىللەت مەدەنىيىتى، تىل - يېزىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇق - مەنپەئىتى بىردەك قانۇن بويىچە ھۆرمەتلەندى ۋە كاپالەتلەندۈرۈلدى. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، شىركەت شۇنچە تېز تەرەققىي قىلىپ، شۇنچە ياخشى ئۆسۈپ يېتىلدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆز ئالدىغا، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى، ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ شىنجاڭدىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كارخانىلىرىنى چەكلەپ، بېسىپ، كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلدى، بىز خىزمەتچىلەرنى ئەمگەك ھوقۇقىمىزدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇندى، بۇ، تىپىك «ئىشسىز قېلىشقا مەجبۇرلاش» «نامراتلىشىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش». ئامېرىكا تەرەپ يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئاساس قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كەسپىنى باستى، بۇ، خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپكە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق بولۇپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلدى، ھەم ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيا يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ، كىشىلىك ھوقۇققا ھەقىقىي دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەنلىكتۇر. ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ سىياسىي ۋاسىتە ئارقىلىق جۇڭگونىڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كەسپىنى بېسىشقا ئۇرۇنسا، ئەڭ ئاخىرىدا زىيانغا ئۇچرايدىغىنى چوقۇم ئامېرىكا يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كارخانىلىرى ۋە ئامېرىكا يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى بازىرى بولىدۇ، ئامېرىكا تەرەپ پەقەت ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ خالاس!


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش