دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى 25 كارخانا تىزىملىككە كىردى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-07-30 19:46:53

دۆلەتنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

شىنجاڭدىكى 25 كارخانا تىزىملىككە

كىردى ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 3 - تۈركۈمدىكى كەسىپلەشكەن، سەر خىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىكى 25 كارخانا تىزىملىككە كىردى.

بۇ 25 كارخانا قومۇل جۇڭچې يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتور چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭكې شۇگۇاڭ بۇلۇت ھېسابلاش چەكلىك شىركىتى، سانجى يىدا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خەيتيەن شياڭرۇي مۇھىت قوغداش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى ماشىنىلىرى، بىيوتېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇقلار، يېشىل مۇھىت قوغداش قاتارلىق كەسىپ، ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

بۇ قېتىم تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلار ئىچىدە، يېزا ئىگىلىكى ماشىنىلىرى تۈرىدىكى كارخانىدىن جەمئىي بەشى بار بولۇپ، بەشتىن بىر قىسىمنى ئىگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىكى ماشىنىلىرى تۈرىدىكى كارخانىلارمۇ تۇنجى قېتىم دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت»لار تىزىملىكىگە كىردى. شىنجاڭ بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىكى ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئالتە قۇرلۇق ئۆزى ماڭىدىغان پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان، ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقارغان، خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تېخنىكا باشلامچىسى بولۇپ، بۇ قېتىم تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنىڭ بىرى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ما جىپېڭ مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى، شىركىتىمىزنىڭ پاختا يىغىش ماشىنىلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ جۇڭگو بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %45.2 بولۇپ، مۇشۇ ساھەدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ يىل شىركىتىمىز سېتىلىش مىقدارىنى 500دىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

25 كارخانا ئىچىدە، روشەن كەسىپ يۆنىلىشىگە ئىگە، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ساھەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كارخانىلار يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولىدىغان كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۈچ كارخانا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. شىنجاڭ جۇڭكې شۇگۇاڭ بۇلۇت ھېسابلاش چەكلىك شىركىتى بۇ قېتىم تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت»كارخانىلارنىڭ بىرى. ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان «شىڭيۈن» ناملىق يۇقىرى ئىقتىدارلىق كومپيۇتېرنى تىلغا ئالغاندا، شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى پېي چۇڭ ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «<شىڭيۈن>نىڭ ھەر سېكۇنتلۇق سىستېما چوققا قىممىتى 3 كىۋادرىللىئون قېتىمغا يېتىدۇ، ئۇ ھەر سېكۇنتىغا 1 كىۋادرىللىئون 271 تىرىليون قېتىملىق ئەمەلىي ئۆلچەش Linpack ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئەمەلىي ئۆلچەش ئىقتىدارى 1 كىۋادرىللىئون قېتىمدىن ئاشىدىغان دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئۈچىنچى كومپيۇتېر بولۇپ قالدى».

بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلار ئىچىدە، گەرچە تۇنجى قېتىم دۆلەتنىڭ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت»لار تىزىملىكىگە كىرگەن رەقەملىك ئىقتىساد تۈرىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش نەتىجىسىنى نامايان قىلدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش